خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە تۈركىيە

خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە بۇنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسىرى

955894
خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر، سۈرىيە كىرىزىسى ۋە تۈركىيە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ بىر گەۋدە ئىكەنلىكىدىن سۆز ئېچىش بارغانسېرى قىيىنلىشىۋاتىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك رامكا شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە دۇچ كېلىۋاتىدۇ. مەلۇم مەقسەتلەر بىلەن بەزى كۈچلەرنىڭ بەزىلەرنى قانات ئاستىغا ئېلىشى يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىۋاتىدۇ.

يەر شارى خاراكتېرلىك ئىقتىساد - سودا مۇزاكىرىلىرىنىڭ ئاخىرقىسىدىن ھېچقانداق ئۈنۈم ھاسىل قىلىنالمىدى. تور ساھەسىنى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇشقا دائىر ناھايىتى ئاز بەلگىلىمىلەر بار. ئۆزىگە خاس رايونلۇق تۈزۈملەرنىڭ ياكى تۈزۈمسىزلىكلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىشىغا شاھىت بولماقتىمىز. بۇنىڭغا، ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى ياخشى مىسال بولالايدۇ، ئەلۋەتتە.

يېقىندا ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدا 20 گە يېقىن دۆلەت رۇس دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى، رۇسىيەمۇ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، 60 چەت ئەللىك دىپلوماتنى قوغلاپ چىقاردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتتى.

بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى، ترامپ ھۆكۈمىتى ئوخشاش سەۋەب بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي بازىلىرىغا 59 دانە « Tomahawk» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغانىدى. ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن، ھەممىنىڭ دىققىتى يەنە سۈرىيەگ مەركەزلەشتى ھەمدە مۇنداق سوئال سورىلىشقا باشلىدى: «ئەجىبا دۇنيا ئىككىنچى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالدىمۇ قانداق؟»

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا 1939 – 1991 – يىللاردىكى ئىدېئولوگىيەلىك قۇتۇبلىشىش دۇنياسىغا ئوخشىمايدۇ، ئەكسىچە، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇرۇنقى 10 يىلقى مەزگىلگە بەكرەك ئوخشايدۇ.

نۆۋەتتە يەر شارى خاراكتېرلىك ۋە رايونلۇق كۈچلەر گۈللىنىۋاتقان – ئاجىزلىشىۋاتقان بىر دەۋردە مىللىي كۈچ ئۇرۇشلىرىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. دۇنيانىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئوتتۇرىدا نە 1945 – 1989 – يىللاردىكىگە ئوخشاشلا كەڭ كۆلەملىك ئىدېئولوگىيەلىك  كۈرەشنىڭ بوسۇغۇسى ئالدىدا ئەمەسلىكىنى، نەئوتتۇرىدا تۆمۈر پەردىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

يېتەكچى دۇنيا كۈچىدىن سىرت يەنە، (ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھاكىمىيەت كۈچىنىڭ ئازىيىشىنى خالايدىغان، بىراق نىشانىغا يېتەلىگۈدەك دەرىجىدە قۇدرەت تاپالمىغان) گۈللىنىۋاتقان ۋە ئاجىزلاۋاتقان كۈچلەر بار.

بۇ ئەھۋال، بۇ مەسىلىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇتەخەسسىسلەر ئارىسىدا بەزى ئىختىلاپلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەۋجۇت ئەھۋالنى چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن سوغۇق ئۇرۇش ئېڭىغا مايىل بولماقتا. ئەمما بۇ توغرا ئوخشىتىش ئەمەستۇر. چۈنكى، مەۋجۇت ئەھۋال 19 – ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىغا بەكرەك ئوخشايدۇ. دەرۋەقە، ئۇ دەۋر، يېڭى ئوتتۇرىغا چىققان كۈچلەرنىڭ رىقابەت دەۋرى ئىدى، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر ئىدېئولوگىيەلىك ھەق – ھوقۇقلارغا ئەمەس، مىللىي مەنپەئەتلەرگە ئاساسلىنىدىغان بىر دەۋر ئىدى. شۇنداق دېيەلەيمىزكى، نۆۋەتتە بىز ئىككىنچى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ بوسۇغىسىدا ئەمەسمىز.

بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتە يولغا قويۇۋاتقان تاشقى سىياسىتى كۆپىنچە ئىدېئولوگىيەلىك تاللاشلارغا ئەمەس، ئەكسىچە، كۈچ سىياسىتىگە ئاساسلىنىدۇ. مەسىلەن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم دېموكراتىك دۆلەت ئەمەس، ھەم چۈشەنچە جەھەتتىن غەربكە نىسبەتەن رادىكال بىر دۆلەت، شۇنداقتىمۇ، نېفىتكە باي دۆلەت بولغانلىقى ئۈچۈن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا نېفىتىنى پەقەت دوللار ئارقىلىقلا سېتىشنى خالايدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، مىسىردا ھەربىي دىكتاتورلۇق ھاكىمىيىتى ھۆكۈم سۈرمەكتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ  مەنپەئەتلىرى ۋە سىياسەتلىرىگە ماس ھەرىكەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەگە تەھدىت شەكىللەندۈرمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ھاكىمىيەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قوللىشى ھەم ياردىمىگە ئېرىشمەكتە.

ئىران دائېشقا قارشى كۈرەشنى كوزېر قىلىپ، ئىراقتىكى كونتىروللۇقىنى قۇرۇلمىلاشتۇردى، ھەمدە سۈرىيە تېررورېرىيەسىنى ئىراننىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى قسىىملىرى ۋە ھەربىي بازىلىرى بىلەن تولدۇرۇپ، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئىراننىڭ ۋەكىللىك كۈچىگە ئايلاندۇردى. بۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى خەۋپلىك ئەھۋال، ئەلۋەتتە. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھەمىشە دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ تېررورىزمنىڭ قىللىغۇچىسى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئىراننىڭ ئاقدېڭىزگە يېتىپ بېرىشىنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ.

نۆۋەتتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى ترامپنىڭ يېقىندا ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادو كېلىشىمىدىن چىكىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ۋاشىنگتون تېھران بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا دۈشمەنلىشىشنىڭ بوسۇغۇسىغا كېلىپ قالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا شەرقتە ئەڭ كۆپ ئېھتىياجلىق بولغىنى، مۇقىم بىر تەڭپۇڭلۇقتۇر. تاشقى سىياسەتتە بارغانسېرى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن مۇستەقىل ھالدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان تۈركىيەمۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچكە ئايلانماقتا. شۇڭا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنى كونتىرول قىلىشقا تىرىشماقتا.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بۇ يەردە شۇ نۇقتىدا قاتتىق ئويلىنىشى كېرەك؛ تۈركىيە بىلەن ئىرانغا چەكلىمە قويۇش، ھەر ئىككى دۆلەتنى رۇسىيەگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ، يادرو كېلىشىمىنى بىكار قىلىش ۋە ئىرانغا يېڭى ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئىراندىن نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى توختىتىشقا قايىل قىلىش، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسىيەگە تېخىمۇ كۆپ بېقىندى بولۇپ قېلىشى دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، سۈرىيە نۆۋەتتە رايونلۇق، ھەتتا يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىس لىنىيەلىرىنىڭ پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇۋېتىش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.  جۈملىدىن، سۈرىيە بىلىپ – بىلمەي كونتىرولدىن چىقىدىغان بىر توقۇنۇشنىڭ پىلتىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. لېكىن، شۇنى تەكىتلەش ھاجەتكى، سۈرىيەنىڭ يېقىن كېلەچىكىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە جىددىي توقۇنۇش، پ ي د/ي پ گ نىڭ ساھەدىن تازىلىنىشى ياكى تازىلانماسلىقى سەۋەبىدىن بولىدۇ. چۈنكى، پ ي د/ي پ گ نىڭ ئەھۋالى پەقەت بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى كۈچى ۋە مەۋجۇدىيىتى بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالماستىن، يەنە، غەربنىڭ سۈرىيەدىكى تەسىر كۈچىنىڭ ئازىيىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى. شۇ ۋەجىدىن،، تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدا سۈرىيەدە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى كۈچەيگەنسېرى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى – فىرانسىيە – ئەنگلىيەگە ئوخشىغان دۆلەتلەر پ ي د/ي پ گ نى كونتىرول قىلىدىغان ساھەلەر شۇنچە كۆپىيىدۇ.

يېقىندا ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدىن سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش قارارىنىڭ چىقىشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ پ ي د/ي پ گ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە ۋە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىدىكى مەۋجۇدىيىتىگە قارىتا ئوچۇق – ئاشكارا ئاگاھلاندۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ مەسىلە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان ئىستىراتېگىيەلىك تەھدىتتۇر. ئىران بۇ رايوننىڭ ئۆزىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەربىي پائالىيەتلەرنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھەربىي بازىسىغا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. رۇسىيە بولسا، ئۇزاق مەزگىلدە بۇ رايون سۈرىيەدىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تەسىر دائىرىسىنىڭ مۇھىم بىر ۋاسىتىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارايدۇ. شۇ ۋەجىدىن، ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا «مۇنبىچ» ۋە «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمى مەسىلىسىدىكى بېسىم تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. شۇڭا، «مۇنبىچ» مەسىلىسى ئۈچ تەرەپ ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئالدى بىلەن «تەل رىفات» نى كونتىرول ئاستىغا ئېلىشى، ئارقىدىن «مۇنبىچ» ئۈستىدە بېسىم پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن پ ي د/ي پ گ نى «فىرات دەرياسى» نىڭ شەرقىي قىسمىغا چېكىنىدىغان بىر باسقۇچنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشى، رايوندىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقىغا ۋە سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىستىراتېگىيەلىك ھەرىكەت بولىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر