تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا 103 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئارمىيەسى، سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك تەرىپىدىن ئۆي – ماكانلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان 103 بومبىنى بىر تەرەپ قىلدى.

954798
تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىندا 103 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى بىر تەرەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى، تېررورچىلاردىن ئازاد قىلغان ئافرىننىڭ بىخەتەرلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىدىكى چارلاش - تازىلاش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈنۈگۈن كەچتە تۈركىيە ئەسكەرلىرى، ئافرىن ناھىيە مەركىزىدىكى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان 103 دانە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسالغان پارتلاتقۇچنى شەھەرنىڭ 3 كىلومېتىر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پارتلىتىۋەتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى 18 – مارتتا ئافرىننى تېررورچىلاردىن خالىيلاشتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر