ستولتېنبېرگ بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدۇ

ناتو (NATO) باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيەنىڭ ناتو ئۈچۈن ئېيتقاندا، قىممەتلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىتتىپاقداش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

952283
ستولتېنبېرگ بۈگۈن ئەنقەرەگە كېلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ناتو باش كاتىپى ستولتېنبېرگ بۈگۈن (16-ئاپرېل) ئەنقەرەگە كېلىدۇ. ئۇ ستولتېنبېرگ ئەنقەرە سەپىرىنى باشلاشتىن بۇرۇن بىريۇسسېلدىكى ناتو مەركىزىدە بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ باياناتىدا، تۈركىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنىڭ، ئىيۇل ئېيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئۈچۈن تەييارلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ: «تۈركىيە نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىنتايىن قىممەتلىك ۋە ئاچقۇچلۇق ئىتتىپاقداش بولغانلىقى ئۈچۈن ئەنقەرە زىيارىتىمگە سەۋرسىزلىك بىلەن ئالدىراۋاتىمەن. تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە باشقا نۇرغۇن سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىتتىپاقداش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا، ناتونىڭ تېخىمۇ قىيىن بولغان خەۋپسىزلىك مۇھىتىغا قانداق ماسلىشىدىغانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا تەييارلىق ئۈچۈن، تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ناھايىتى ئەھمىيەتلىك» دېدى.

ئۇ يەنە: «تۈركىيەدە ناتونىڭ مۇھىم مەۋجۇدلۇقى بار، بىراق بارلىق ئىتتىپاقداشلارنى تۈركىيەنى تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا چاقىرىمەن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر