ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئەسەدكە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە توختالدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئەسەدكە قاراتقان ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختالدى.

951712
ئەردوغان بىلەن پۇتىن ئەسەدكە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت ئۈستىدە توختالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە  پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ ئاساسلىقى  ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بىرلىشىپ سۈرىيە ھاكىمىيىتىگە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى توغرىسىدا كۆرۈشكەنلىكى قەيت قىلىندى.

ئەردوغاننىڭ كۆرۈشۈشتە  سۈرىيەدە باشتىن-ئاخىر خىمىيەۋى قوراللار ئىشلىتىلىشىگە قارشى تۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقى،  شۇنداقلا رايوننىڭ ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئەسكەرتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

كۆرۈشۈشتە يەنە ئىككى رەھبەرنىڭ سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كەسكىن ۋەزىيىتىنى بېسىقتۇرۇش ۋە سۈرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يوللار بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىق ئىچىدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ تەكىتلەشكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر