«<زەيتۇن شېخى> چېگرا ئېغىزى ماي ئېيىدا پۈتىدۇ»

تاموژنا ۋە سودا ئىشلىرى مىنىستىرى بۈلەنت تۈفەنكجى، سۈرىيەنىڭ تېررورچىلاردىن تازىلانغان ئافرىن رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن پىلانلانغان « چېگرا ئېغىزى» نىڭ ماي ئېيىنىڭ ئاخىرلىرى پۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

950239
«<زەيتۇن شېخى> چېگرا ئېغىزى ماي ئېيىدا پۈتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  بۈلەنت تۈفەنكجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەتلىك مەمۇرىي خادىملار باشقارمىسى بىلەن ئورتاق مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. مۇزاكىرىلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، زەيتۇن شېخى چېگرا ئېغىزى قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئىشقا كىرىشتۈرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر