ئەردوغان پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، سۈرىيە ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

947532
ئەردوغان پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پۇتىننىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن باشقا، سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى مۇھاكىمە قىلىنغان.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان كۆرۈشۈشتە، دۇما ۋە شەرقىي غۇتەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئالغان ۋە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن.

ئىككى رەھبەر كۆرۈشۈشتە، مۇشۇ ئاي بېشىدا ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى ۋە سۈرىيە ھەققىدە چاقىرىلغان ئۈچ تەرەپ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى نەتىجىلىرىدىن ھېس قىلغان مەمنۇنلۇقلىرىنىمۇ تىلغا ئالغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر