تۈركىيە گېرمانىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە گېرمانىيەدە مەيدانغا كەلگەن ئاپتوموبىل ۋەقەسىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

946644
تۈركىيە گېرمانىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە گېرمانىيەدىكى 3 ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن ئاپتوموبىل ۋەقەسى توغرۇلۇق تەزىيە تېلېگراممىسى ئېلان قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەزىيە تېلېگراممىسىدا مۇنداق دېيىلدى: «گېرمانىيەنىڭ مۇنستېر شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدا يېقىن-يورۇقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارغا سەۋر تىلەپ تەزىيە بىلدۈرىمىز. مۇشۇنداق قىيىن كۈنلەردە گېرمانىيە دۆلىتى ۋە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئېغىر مۇسىبىتىنى چىن قەلبىمىزدىن ئورتاقلىشىمىز.»

گېرمانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەقە توغرۇلۇق بايانات بېرىپ، بىر ئاپتوموبىلنىڭ پىيادىلەر ئارىسىغا شىددەتلىك كىرىشى نەتىجىسىدە 3 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مۇنستېر ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئاندېرس بودېمۇ ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ ۋەقەدىن كېيىنلا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىدا ۋەقە توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەردە، ئاپتوموبىل شوپۇرىنىڭ پىسىخىكىلىق مەسىلىلىرى بولغان بىرنېمىس ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەرلەردە يەنە ئاپتوموبىلنىڭ نېمىس زوراۋاننىڭ نامىدا ئىكەنلىكى ۋە ساقچىلارنىڭ زوراۋاننىڭ ئۆيىدە پارتلاتقۇچ ماددا ئىزدىگەنلىكلىرىمۇ خەۋەر  قىلىندى.  

ساقچىلارنىڭ ۋەقە ئۈستىدە ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر