باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقتى.

946730
باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئافغانىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم موڭغۇلىيەدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئافغانىستانغا قاراپ يولغا چىقتى.

بىنالى يىلدىرىم تۇنجى بولۇپ ئافغانىستان مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلىدۇ.

ئارقىدىن ئافغانىستان ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى دوكتور ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ بىلەن ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

رەھبەرلەر كۆرۈشۈشتىن كېيىن قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ.

باش مىنىستىر يىلدىرىم ئارقىدىن ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەنمۇ ئايرىم كۆرۈشىدۇ.

كۆرۈشۈشتە فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش، رايونلۇق مەسىلىلەر ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى كېڭەش قىلىنىدۇ.

بىنالى يىلدىرىم ئافغانىستاندا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىمۇ يوقلايدۇ.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىمنىڭ يەنە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا تەرىپىدىن سېلىنغان شېھىت بۇلەنت ئايدىم جامەسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر