ئەردوغان: س – 400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتى ئالدىغا ئېلىنىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان س – 400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئالدىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

943796
ئەردوغان: س – 400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇۋېلىش ۋاقتى ئالدىغا ئېلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پايتەخت ئەنقەرەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى؛ جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېپىق ئۇچرىشىش بىر يېرىم سائەت داۋاملاشتى.

ئارقىدىن «تۈركىيە – رۇسىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنى» غا ئىشتىراك قىلغان ئىككى رەھبەر، يىغىندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا غەلىبە قىلغان پۇتىننى تەبرىكلىدى ۋە پۇتىننىڭ سايلامدىن كېيىنكى تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى تۈركىيەگە قارىتىشىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلار جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى ئەتراپلىق كۆزدىن كەچۈرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، ئىككى تەرەپ سودا ھەجىمىنىڭ ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا %22 ئېشىپ، 100 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۈگۈن مەرسىندە ئۇلى قويۇلغان ئاققۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىنىڭ 2023 – يىلىغىچە پۈتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، ئىستانسىنىڭ 20 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ بىلەن پۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

سۆزى جەريانىدا، سۇرىيە مەسىلىسى توغرىسىدىمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، بەزى خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا قارىماي، قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانادا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى سايىسىدا زور ئۇتۇقلارنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «تەلتۆكۈس بولمىسىمۇ سۈرىيەدە ئاساسەن دېگۈدەك پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋاللىرىنىڭ ئالدىنى ئالدۇق» دېدى.

تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە توختالغان ئەردوغان، «ئەتە ئىرانلىق مەنسەپداشلىرىمىزنىڭ (ھەسەن رۇھانى)مۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا، بۇ مۇساپىنىڭ ئاستانا سۆھبەتلىرىنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشلىرىمىزنى تېخىمۇ پەرقلىق شەكىلدە مۇزاكىرە قىلىش ئىمكانىمىز بولىدۇ» دېدى.

پۇتىنغا تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېلىپ بارغان ئافرىن ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئەردوغان، «(ھەرىكەتنىڭ) قوشنىمىز سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى ساقلاپ قېلىش جەھەتتىكى ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتتۈم. سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىنىڭ دائېش، ي پ گ (بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى) غا ئوخشاش تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا تاشلاپ قويۇلمىغۇدەك دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيەدىن سېتىۋېلىنىدىغان س – 400 تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ۋاقتىنىڭ ئالدىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىنمۇ، ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ۋە رايونغا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر ئىلگىرىلىمەكتە. پەرقلىق مەسىلىلەر بويىچە ئىككى تەرەپ كېلىشىملىرىنى تۈزۈش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورگانلارغا تەييارلىق قىلىش يوليورۇقى چۈشۈرۈلدى. ئۆزئارا سېلىنمىلارنى ئاشۇرۇش نىيىتىمىز بار» دېدى.

تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز قىسمىدا ئىككى ئايرىم لىنىيە قۇرۇلغانلىقىنى تىلغا ئالغان ۋىلادىمىر پۇتىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قۇرۇقلۇق قىسمىنى ياتقۇزۇش باسقۇچىغا قەدەم قويىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن س – 400 ھاۋا مۇداپىئە قالغان سىستېمىلىرىغا ئالاقىدار كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدىمۇ سۆزلەشكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن پۇتىن، تاپشۇرۇپ بېرىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئارقىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان پۇتىننىڭ شەرىپىگە كەچلىك زىياپەت بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر