تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ يىغىنى

«سۈرىيە» تېمىلىق تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى بۈگۈن پايتەخت ئەنقەرەدە چاقىلىرىدۇ.

944031
تۈركىيە – رۇسىيە – ئىران ئۈچ تەرەپ يىغىنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئىشتىراك قىلىدىغان يىغىن جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيىدا چاقىرىلىدۇ.

دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلىنىشى پىلانلانغان ئورتاق باياننامە توغرۇلۇق خىزمەت ئىشلىگەن بولۇپ، باياننامەدە، سۈرىيەدىكى مەۋجۇت ئۇرۇش توختىتىش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداش ۋە سۈرىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىملىرىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى قاتارلىق بۇنىڭدىن بۇرۇنقى باياننامىلەردە بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقى پىلانغا قويۇلۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يىغىن دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۇچرىشىشىدا، سۈرىيە مەسىلىسىدە قانداق قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشىغا قارىتا ئىشتىراكچى دۆلەتلەر سۇنىدىغان تەكلىپلەر، بۈگۈن تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا سۇنۇلىدىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ۋە ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زارىف يىغىندا بۇ تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىدىكەن.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان باياننامىنىڭ، ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى؛ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىنىڭ ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە بىر يەرگە جەم بولۇشى   كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

يىغىن دائىرىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر