ئاقار زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختالدى.

942407
ئاقار زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال - پولكوۋنىك خۇلۇسى ئاقار، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بارغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنغا شۇنداقلا تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى خۇلۇسى ئاقار خاتايدا زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرىسىدا توختىلىپ، «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى، ئىشلىتىلگەن قورال ۋە ئوق – دورىلار بولۇپ ھەممىسى خەلقئارا قانۇنغا ۋە تېررورىزمغا قارشى كۈرەش پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا. ھەرىكەت دائىرىسىدىكى بارلىق پائالىيەتلەر، ھەم ھەربىي ھەم ئىنسانىي قىممەت – قاراشلار نۇقتىسىدىن دۇنيانىڭ باشقا دۆلەتلىرىگە ئۈلگە بولغۇدەك شەكىلدە ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ھەرىكەتنىڭ پەقەت تېررورچىلارغا زەربە بېرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقار، «پەقەت تېررورچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆڭكۈر، پاناھلىنىش ئورۇنلىرى، ئىستىھكاملىرى، قورال، ئاپتوموبىل قاتارلىق ۋاسىتىلىرىغا زەربە بېرىلمەكتە. پۇقرالار ۋە بىگۇناھ كىشىلەر بىلەن مۇھىت، تارىخىي يادىكارلىقلار ۋە مەدەنىيەت بايلىقلىرىغا قەتئىي زىيان بېرىلمەيدۇ. بۇلار تۈركىيە ئارمىيەسىگە نىسبەتەن چېقىلالماسلىق ھوقۇقىغا ئىگىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر