رۇسىيە S-400 لەرنى پات يېقىندا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

رۇسىيە «S-400» باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى تۈركىيەگە 2020-يىلىغىچە تاپشۇرۇپ بولۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

942934
رۇسىيە S-400 لەرنى پات يېقىندا تاپشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ياردەمچىسى يۇرى ئۇشاكوۋ S-400 ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنىڭ باتارىيەلىرىنى تۈركىيەنىڭ تەلەپ قىلغىنىدەك پات يېقىندا تاپشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق قولىدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

ئۇشاكوۋ تۈركىيەگە S-400 ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىنى پىلاندىكىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك سوئالغا جاۋاب بەردى. ئۇ: «مەلۇم بولغىنىدەك، بۇ مەسىلىنى تۈركىيە تەرەپ كۈنتەرتىپكە قويدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بۇنىڭ جاۋابىنى بەردى. بىلىشىمچە، تۈركىيەنىڭ بۇ تەلىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىدۇ» دېدى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ 14-مارت موسكۋادا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئەنقەرەنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن «S-400» لەرنى تاپشۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن ئىدى. تۈركىيەنىڭ كېلىشىم بويىچە تۆت دانە S-400 باتارىيەلىرى ئۈچۈن رۇسىيەگە 2.5 مىليارد دوللار تۆلىگەنلىكى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

دۇنيادا ئىشلىتىلىۋاتقان ئەڭ ياخشى ھاۋا قالقان سىستېمىلىرىدىن بىرى بولغان S-400، ھەر خىل ئايروپىلان ياكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى، كرۇز ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى پاچاقلىيالايدۇ. ئەڭ يىراق بولغاندا 400 كىلومېتىر، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 30 كىلومېتىر مۇساپىغا يېتىپ بارالايدىغان بۇ ھاۋا قالقان سىستېمىسى، كېرەك بولغاندا ھەر بىر نىشانغا ئىككى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توغرىلاپ، ئوخشاش ۋاقىتتا 80 نىشانغا زەربە بېرەلەيدۇ. S-400 تاپشۇرۇلغاندا، تۈركىيە S-400  باتارىيەسىگە ئىگە تۇنجى ناتو دۆلىتى بولۇپ قالىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر