تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئىسىرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشقاقلىقىنى قاتتىق ئەيىبلىدى ۋە خەلقئارالىق جەمئىيەتنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىردى.

941369
تۈركىيە ئىسىرائىلىيەنى ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ: «بۈگۈن (30-مارت) غەززەدە تىنچلىق نامايىشلىرىغا قاتناشقان پۇقرالار ۋە مۇداپىئەسىز پەلەستىنلىكلەرگە، ئىسىرائىلىيەنىڭ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز» دېدى.

ئۇ: «رايوندا يۈز بەرگەن ئۆلۈم-يېتىم ھادىسىلىرىنى، يارىلىنىشلارنى، ئىنسانىيەتنىڭ غۇرۇرىنى ئاياق-ئاستىغا ئېلىشنى ۋە خەلقئارالىق قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى قوبۇل قىلىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ب د ت نى ئاساس قىلغان خەلقئارالىق جەمئىيەتلەرنى ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز» دېدى.

بۇ جەرياندا، ئىسىرائىلىيە قوشاۋى ئاستىدىكى غەززەنىڭ ئىسىرائىلىيە چېگراسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «پەلەستىن زېمىن كۈنى» نامايىشلىرىدا 15 پەلەستىنلىكنىڭ ئىسىرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغانلىقى سەۋەبى بىلەن، پەلەستىندە مىللىي ماتەم ئېلان قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر