«تۈركىيە ئىنسانىيەتنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش يولىدا  كۈرەش قىلىۋاتىدۇ»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ سۈرىيە ۋە ئىراقنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش نىشان قىلىنغان  كۈرەش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

940769
«تۈركىيە ئىنسانىيەتنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش يولىدا  كۈرەش قىلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن يېتىپ بارغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادا، مىنىستىرلار كېڭىشىنىڭ مەسئۇلى دېنىس زۋىزدىچ بىلەن بىرلىكتە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ پايتەختى سارايىۋودا تۈرك سودا - سانائەتچىلەر تەرىپىدىن ئېچىلغان خەلقئارا سارايىۋو ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلدى ھەمدە بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلارغا خىتاب قىلدى.

خەلقئارا سارايىۋو ئۇنىۋېرسىتېتىغا 2013 – يىلى 8 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 – يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «<ئاتاقلىق ئالىم، بۈيۈك مۇتەپەككۇر ۋە دۆلەت ئەربابى> دەپ ئاتالغان بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ قۇرغۇچى رەھبىرى ئەلى ئىززەتبېگوۋىچنى چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە چوڭقۇر سېغىنىشلىق ئىلكىدە مەڭگۈ ياد ئېتىمىز. دەرۋەقە، ئىززەتبېگوۋىچ تەسەۋۋۇر دۇنيامىزنى مىسلىسىز دەرىجىدە بېيىتقان قۇتۇب يۇلتۇزلىرىدىن بىرى ئىدى، ياتقان يېرى جەننەت بولغاي !»

پۈتكۈل بالقان رايونى ئۈچۈن ھۇزۇر، تىنچلىق ۋە ئېسەنلىك تىلىگەن  يىلدىرىم، «تۈركىيە بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىقىنى ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىقىنى قوللىماقتا ھەمدە ھەر جەھەتتىن ھەسسە قوشماقتا» دېدى.

 يىلدىرىم يېقىنقى كۈنلەردە كۈنتەرتىپكە كەلگەن، «تۈركىيە يۆنىلىشىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا تەرەپ ئۆزگەرتىۋاتىدۇ» تەرىقىسىدىكى تەنقىدلەرنىڭ ئاساسسىز، بىر تەرەپلىك ۋە بىمەنە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ئەردوغان ئالىيلىرىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىۋاتىدۇ. بىزنىڭ غەربكە ئەھمىيەت بېرىشىمىز، كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىز مەلۇم ئۆلچەملەرگە ئاساسلىنىدۇ، تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانىمۇ ھەممىگە ئايان.  تۈركىيە ئەلۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولۇشنى خالايدۇ، بىراق قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋە قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر ئەزا بولۇش نىيىتى يوق. بىزنىڭ نىشانىمىز، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇسۇلمان كىملىكىمىزنى، مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئەزا بولۇشتىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇلار بىزگە: < بۇنىڭدىن ۋاز كېچىڭ> دېسە، ئۇ چاغدا، بۇنداق بىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بىزگە نىسبەتەن قىلچە ئەھمىيىتى ھەم پايدىسى يوقتۇر. دەرۋەقە، كىملىكىمىزنى، مىللىي قىممەت ئۆلچەملىرىمىزنى قوغداش دېمەك، كېلەچىكىمىزنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش دېمەكتۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، مۇستەملىكە ئېڭىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالىمىز. ئەڭ مۇھىمى، ئىنسانلارنىڭ قىممەت ئۆلچەملىرىنى، كىملىكلىرىنى قوغدىشى، ساقلاپ قېلىشى، ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كەتمەستىن، ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالىشىدۇر، بىزنىڭ ئېتىقادىمىزمۇ، قىممەت ئۆلچەملىرىمىزمۇ بۇنى تەقەززا قىلىدۇ، ئەلۋەتتە.»

 بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ بۈگۈننىڭ ۋە ئەتىنىڭ دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم بىر جۇغراپىيە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنانىڭ ئۆزگىچىلىك، ھەر خىللىق، رەڭدارلىق، تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلەرنى باغرىغا بېسىۋاتقان ئەڭ ياخشى ئۈلگە ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ياۋروپادا ئىرقچىلىق، ئىسلام دۈشمەنلىكىنىڭ بارغانسېرى ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، مۇنداق دېدى: «بۇنداق بىر ياۋروپانىڭ كېلەچىكىنىڭ پارلاق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ بۇنداق كېتىۋەرسە نىشانىغا يېتەلەمدۇ؟ شۇڭا بىز دوستلىرىمىزغا مۇنداق تەۋسىيەلەردە بولۇۋاتىمىز: بىز توغرۇلۇق، تۈركىيە توغرۇلۇق ئانالىز ئېلىپ بارغىنىڭلاردا، ئەتراپىمىزدىكى بۆلگۈنچى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ بىمەنە قاراشلىرىغا ئاساسەن ئانالىز ئېلىپ بارماڭلار، ھەقىقەتلەرنى بىۋاسىتە سۈرۈشتۈرۈڭلار، تەتقىق قىلىڭلار، تەكشۈرۈڭلار، ئاخىرىدا توغرا يەكۈن چىقىرىڭلار. ئەگەر جۇغراپىيە، دىن ۋە ئېتنىك جەھەتتىن بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى باغرىغا بېسىپ، ئۆزگىچە مەدەنىيەت بەرپا قىلغان بىر جاي لازىم بولسا، بۇ جاي دەل بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنادۇر.»

يېقىندىن بۇيان تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ سەۋەبىنىڭ،  تۈركىيەنىڭ بۇ جۇغراپىيەدە، ئەزاسى بولغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ چېگرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن ھايات – ماماتلىق  كۈرەش قىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمۇ، <فىرات قالقىنى> ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرىشىمۇ، شىمالىي ئىراقتا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كۈرىشىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش نىشان قىلىنغان  كۈرەشتۇر. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈركىيە ھەققىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۇنسۇرلىرىنىڭ، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ سەپسەتىلىرىگە ئالدانغان ھالدا يەكۈن چىقىرىش ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياراشمايدۇ، دوسلۇققىمۇ ياراشمايدۇ، ئىتتىپاقداشلىققىمۇ ياراشمايدۇ.»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم بوسنىيە – گېرتسېگوۋىنا پىرېزىدېنتلىق كېڭىشىنىڭ رەئىسى باقىر ئىززەتبېگوۋىچ بىلەنمۇ بىر يەرگە جەم بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر