قايغۇلۇق خەۋەر... سىئىرتتا 6 نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى شېھىت بولدى

سىئىرتتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ خائىنلارچە ھۇجۇمىدا 6 ئامانلىق ساقلىغۇچى شېھىت بولدى.

940617
قايغۇلۇق خەۋەر... سىئىرتتا 6 نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئورمانئاردى يېزىسى تەۋەلىكىدىكى يول قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان خادىملارنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى؛ ھۇجۇمدا 6 نەپەر ئامانلىق ساقلىغۇچى خادىم شېھىت بولدى، 3 ئامانلىق قوغدىغۇچىسى بىلەن 4 ئەسكەر يارىلاندى.

يارىدارلار سىئىرت دۆلەت دوختۇرخانىسىدا بالنىستقا ئېلىندى.

ئىگىلىنىشىچە، رايوندىكى زەربە بېرىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر