ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

دۆلىتىمىز جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

937954
ئەردوغان ياۋروپا ئىتتىپاقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇلغارىيە سەپىرىدىن بۇرۇن ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودۇرۇمىدا بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ بۇلغارىيەنىڭ ۋارنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى توغرىسىدا توختالدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تولۇق ئەزا بولۇش، ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىمىزدۇر ۋە بۇ مەقسىتىمىز داۋام قىلىۋاتىدۇ. نىيەتلىرىنى ۋە غايىسىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدىغان تەرەپلەرنىڭ، تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ھۆرمەت بىلەن، باراۋەر ۋە تولۇق ئەزا بولۇپ، لايىق بولغان ئورۇنغا ئىگە بولۇشىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايمىز.»

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئورنىغا، كۈچىگە، رايوندا ۋە دۇنيادا ئوينىغان كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە رولىغا ئۇيغۇن شەكىلدە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن كۆرۈشۈشلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ: «ۋارنا ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدا ئىجابىي جەھەتتىن ھەسسە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

يىغىندا، بۇنىڭدىن بۇرۇن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان مەسىلىلەردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:

«رايونلۇق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرىگە قوشۇمچە ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ مۇزاكىرە باسقۇچىدا دۇچ كەلگەن سىياسىي ۋە سۈنئىي پەيدا قىلىنغان توسقۇنلۇقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئەزا بولۇش مۇساپىسىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش قاتارلىق تەلەپلىرىمىزنى ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرىگە يەتكۈزىمىز.»

تۈركىيە-ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي رەھبەرلەر يىغىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بۇلغارىيەنىڭ باش مىنىستىرى بويكو بورىسوۋنىڭ ساھىبخانلىقىدا، بۈگۈن (26-مارت) ۋارنا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. يىغىنغا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى دونالد تۇسك ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى باشلىقى ژان كلاۋۇد جاڭكېر قاتارلىق رەھبەرلەر قاتنىشىدۇ. يىغىن بۇلغارىيە باش مىنىستىرى بورىسوۋنىڭ مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىشى بىلەن باشلىنىدۇ ۋە ئاز دېگەندە ئىككى سائەت داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر