تۈركىيەنىڭ تۇنجى كىچىك تىپلىق ئاۋىياماتكىسى ياسالماقتا

تۈركىيەنىڭ تۇنجى يەرلىك ۋە مىللىي ئاۋىياماتكىسى «كۆپ فونكىسيونلۇق قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ھۇجۇم قىلالايدىغان ت ج گ (TCG) ئانادولۇ» نىڭ ئىستانبۇل تۇزلا سەدەف كېمىسازلىق زاۋۇتىدا تېز سۈرئەتتە ياسىلىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىندى.

937910
تۈركىيەنىڭ تۇنجى كىچىك تىپلىق ئاۋىياماتكىسى ياسالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ۋە مارمارا، ئەگە، ئاقدېڭىز، قارا دېڭىز رايونلىرى (İMEAK) دېڭىز سودىسى بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقى مەتىن كالكاۋان،TCGئانادولۇ ئاۋىياماتكىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

مەتىن كالكاۋان: «TCGئانادولۇنىڭ تەخمىنەن %90 بۆلۈمى پۈتۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. گەۋدىسى پۈتكەندىن كېيىن، ئىچكى قىسمىنى پۈتكۈزۈش داۋام قىلىدۇ. ئاۋىياماتكا 114 پارچىدىن تەشكىل تاپىدۇ، سۇ ئۈستىدە %10 كە يېقىن قىسمى بىرلەشتۈرۈلۈپ بولدى» دېدى.

تۈركىيەنىڭ تۇنجى «يەرلىك ۋە مىللىي ئۇرۇش ئاۋىياماتكىسى» ھېسابلىنىدىغان TCGئانادولۇ تۈركىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەرىكەت قابىلىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.

مەتىن كالكاۋان «كىچىك تىپلىق ئاۋىياماتكا» دەپ ئاتىغان TCGئانادولۇنىڭ نورمال ئاۋىياماتكىلارغا قارىغاندا فونكىسيونىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ: «دېڭىز ئارمىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز كۈچى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. دۇنيادا بۇ خىل ئاۋىياماتكىسى بولغان ئونىنچى دۆلەتمىز، پەقەت بەش-ئالتە دۆلەتلا ياسىيالايدۇ، بىز ھەم ياسايمىز ھەم ئىگە بولالايمىز. لايىھە ناھايىتى چوڭ بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەت بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، TCGئانادولۇ ئاۋىياماتكىسىنىڭ 2019-يىلى فېۋرال –مارت ئايلىرىدا پۈتكۈزۈلۈشى پىلان قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 232 مېتىر، كەڭلىكى 32 مېتىر، ئېگىزلىكى 58 مېتىر كېلىدىكەن. 1410 كىۋادرات كىلومېتىرلىق تانكا ۋە كانتېينىرغا ئوخشاش ئېغىر تىپلىق قورال ۋە يۈكلەر قويۇلىدىغان گەرەژ بار ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا ئوخشىمىغان يۈز ئۆلچەملەردە يۈك ئىسكىلاتلىرى، كۆلچەكلەر ۋە ئۇچۇش-قونۇش لىنيەلىرى بار ئىكەن.

ئاۋىياماتكىغا ئالتە دانە F358 تىپلىق ئايروپىلان، تۆت دانە «ئاتاك» ناملىق تىك ئۇچار ئايروپىلان، سەككىز دانە ئوتتۇرا دەرىجىلىك يۈك تىك ئۇچارى، ئىككى دانە «seahawk» ناملىق تىك ئۇچار ۋە ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سەپلىنىدىكەن.        



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر