چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيەدىكى بىر سودا مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن رۇسىيە خەلقىگە تەزىيە بىلدۈردى.

937567
چاۋۇشئوغلۇ رۇسىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇ تىۋىتتېر ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ئوت ئاپتىىدە كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

«رۇسىيە خەلقى ۋە دۆلىتىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن، ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا سەۋر تىلەيمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەن چاۋۇشئوغلۇ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ تىۋىتتېر ئادرېسىنى ئۆز ئادرېسىغا قوشۇۋالدى.

رۇسىيەنىڭ كېمېروۋو شەھىرىدىكى بىر سودا مەركىزىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قەۋىتىدىكى كىنوخانا زاللىرى ۋە بالىلار ئويۇن ساھەلىرى جايلاشقان جايدا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، 52 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر