ئەردوغان: 3733 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بارغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىن ۋە سىنجاردا 3733 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

936530
ئەردوغان: 3733 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ بەيئوغلۇدىكى يىغىلىشىدا قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «<تۈركىيەنىڭ چېگرانىڭ سىرتىدا نېمە ئىشى بار؟> دېگەن ھەربىر كىشى ۋە ھەربىر  جەمئىيەت ئەسلىدە بۇنداق دېيىش ئارقىلىق بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىمىزدىن، كېلەچىكىمىزگە ئىشەنچ بىلەن نەزەر تاشلاپ، غەلىبىسېرى ئالغان ئىلگىرىلىشىمىزدىن بىئارام ئىكەنلىكىنى پاش قىلماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر