تۈركىيە ئارمىيەسى شىمالىي ئىراقتا يەنە بىر تۈركۈم تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلدى
تۈركىيە ئارمىيەسى، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لاگېرلىرىغا ھاۋادىن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، 5 تېررورچىنى بىر تەرەپ قىلدى.
935876
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئارقىلىق بايانات بېرىپ، ئەسكەرلەرنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىغا جايلاشقان ھاكۇرك ۋە كانى راش رايونىدا قەتئىي ئىرادە بىلەن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكىتى جەريانىدا يەنە 5 تېررورچىنىڭ قوراللىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ھاكۇرك ۋە كانى راش رايونىدا 12 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇلۇۋاتقان زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرى جەريانىدا بىر تەرەپ قىلىنغان جەمئىي تېررورچى سانى 55 كە يەتتى.