پۈتكۈل دۇنيا تۈركىيەنى ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزەتمەكتە

پۈتكۈل دۇنيا تۈركىيەنىڭ يەرلىك قورال – ياراغلىرىنى ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزەتمەكتە.

935451
پۈتكۈل دۇنيا تۈركىيەنى ھەيرانلىق ئىلكىدە كۆزەتمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە زامانىۋى ئۇرۇشنىڭ قىياپىتىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئۆزىنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقاردى. تۇنجى قېتىم قاتناشتۇرۇلغان ھەربىي ھەرىكەتتىن باشلاپلا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىردىنلا پۈتكۈل دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەر بىلەن بىرلىكتە تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ  مۇۋەپپەقىيەت ئۈستىگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتقان يەرلىك قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئۈچۈن ئېكسپورت قىلىش يولى ئېچىلدى. بايقار گۇرۇھى بىلەن قاتار ئارمىيەسى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم دائىرىسىدە 1 يىل ئىچىدە 6 دانە « Bayraktar TB2 » تىپلىق قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 3 دانە مەركىزىي كونترول قىلىش ئىستانسىسى سىستېمىسى ۋە ئۈسكۈنلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئۇچۇش سىمۇلياتورى قاتارلىقلار قاتارغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر