شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ۋە شىمالىي ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي ھەرىكەتلەردە 40 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى.

934293
شىمالىي ئىراقتا نۇرغۇن تېررورچى بىر تەرەپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ئىشتاب باشقارمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىرناقتا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تېررورچىلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ئېنىقلاپ چىقىلغاندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ھۇجۇملىرىدا قوراللىق 2 تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغان. شىمالىي ئىراقنىڭ شىمالىدىكى ھاقۇرق رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك لاگېرلىرى نىشان قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدىمۇ ھۇجۇمغا ئۆتۈشكە تەييارلىنىۋاتقان 8 قوراللىق تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن، 10 – مارتىن بۇيان ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان ھەربىي ھەرىكەتلەردە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچىلارنىڭ سانى 38 غا يەتكەن. بۇ جەرياندا پ ك ك تېررورچىلىرى ئامبار سۈپىتىدە ئىشلەتكەن غارلار ۋە ئىچىدىكى نەرسە – كېرەكلەر يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن. ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا تېررورچىلار ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتقان 15 غار ۋە 30 پاناھ جاي پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر