«ئامېرىكا - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق»

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

933850
«ئامېرىكا - تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە مۇخبىرلارنىڭ ئامېرىكا – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. مەسلىھەتچىمىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولىدۇ» دېدى.

مىنىستىر چاۋۇشئوغلۇنىڭ 19 – مارت كۈنى ۋاشىنگتونغا قىلىدىغان زىيارىتى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدىن كېيىن بىكار قىلىنغان ئىدى.

چاۋۇشئوغلۇ موسكۋادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تۈركىيە بىلەن نورمال دىيالوگ ئورنىتالىشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە بېرىۋاتقان قورال - ياراغ ياردىمىنى توختىتىشى لازىملىقىنى قەيت قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر