ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنى مۇنبىچ مەسلىسىدە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

جۇمھۇر رەئىسلىك باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچقا دائىر تۈركىيەگە بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

933810
ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىنى مۇنبىچ مەسلىسىدە ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىبراھىىم كالىن قاتارنىڭ ئەلجەزىرە ئىنگىلىزچە قانىلىغا بايانات بەردى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىنى پ ك ك / پ ي د ي پ گ ۋە دائېش تېررولۇق تەشكىلاتلىرىدىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۈستىدە توختىلىپ، ئىككىنچى قەدەمنىڭ بولسا، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بولىدىغانلىقىنى، چۈنكى ھازىرمۇ شەھەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا مىنالار ۋە توزاق قۇرۇلغان بومبىلارنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيەنىڭ ئافرىننى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىبراھىم كالىن، 2016يىلى 24 - ئاۋغۇسستا باشلىنىپ، تەخمىنەن 7 ئاي داۋاملاشقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىنى مىسال كۆرسەتتى. 

ئافرىن خەلقىنىڭ ئۆز ئۆيلىرىگە تىنچ ئامان قايتىشى ۋە تۇرمۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ پىلان تۈزگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «ئەگەر ئافرىننىڭ قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالى بىلەن مۇسۇل ۋە راققەنىڭ قۇتقۇزۇلغاندىن كېيىنكى ئەھۋالىغا قارايدىغان بولسىڭىز، ئەمەلىيەتنى ئېنىق كۆرۈۋالالايسىز. شەھەر ئۆز پىتى قوغداپ قىلىندى. شەھەرنى بومباردىمان قىلمىدۇق. پۇقرالارنىڭ ھاياتىغا زىيان يېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىبادەتخانىلار ۋە تارىخىي جايلارغا زىيان سالماسلىق ئۈچۈن ئىنتايىن دىققەت قىلدۇق» دېدۇ.

ئامېرىكنىڭ يارىدىمى بىلەن مۇنبىچنى ئىشغال قىلغان پ ك ك/ پ ي د ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ مۇنبىچنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىغا دائىر ئامېرىكا ئۆزى ۋەدە بەرگەن بولۇپ، ئىبراھىم كالىن ئامېرىكىغا بۇ ۋەدىلىرىنى ئەسلەتتى ۋە بۇ مەسىلىنى ئامېرىكا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىبراھىم كالىن مۇنبىچنىڭ بىر ئەرەب شەھىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. مۇنبىچنىڭ بوشىتىلىشى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئەمدى بۇ كېلىشىمنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۈتىۋاتىمىز. ئەگەر بۇ كېلىشىم ئىشقا ئاشۇرۇلسا، ئامېرىكا بىلەن قارىمۇ - قارشى ھالغا كەلمىگەن بولىمىز. شۇڭا ھازىر ئامېرىكىنىڭ رەققە ھەرىكىتى تۈگىگەنگە ئېيتقاندەك بۇ تېرررولۇق ئۇنسۇرلىرىنى رايوندىن چېكىندۈرىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېدى.

ئىبراھىم كالىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئالماشتۇرۇلغانلىقىنىڭ تۈركىيە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئۈستىدىمۇ توختىلىپ، «دۆلەت ئىشلىرىدا ئىزچىللىق ئاساستۇر. مىنىستىرلار ۋە مەسئۇللار ئالمىشىشى مۇمكىن، بىراق نۇقتىلىق سىياسەتلەر ئۆزگەرمەيدۇ، دەپ قارايمىز. ئامېرىكىلىق مەنسەپداشلىرىمىز بىلەن تۈزگەن كېلىشىملەرنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر