«تۈركىيەنىڭ ئەرەب خەلقى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان»

تۈركىيە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ ئەرەب خەلقى، ئىسلام دۇنياسى ۋە قۇددۇسقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بەش قولدەك ئايان ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

933719
«تۈركىيەنىڭ ئەرەب خەلقى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەممىگە ئايان»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھامى ئاقسوي بايانات ئېلان  قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھيانغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ئاقسوي تۈركىيە، ئىران ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ رايونغا قارىتا يولغا قويۇۋاتقان سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئەرەب دۆلەتلىرىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئەننەھياننىڭ قايسى كۈچلەرگە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ ياخشى بىلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەرەب دۇنياسى بىلەن ئۇزاق مەزگىللىك ھەم ئۆزىگە خاس تارىخىي ۋە ئىنسانىي ئالاقىلىرى بار بولغان تۈركىيەنىڭ قېرىنداش ئەرەب ئەللىرىنىڭ ھۇزۇرى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئوخشاشلا قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئورتاق داۋالىرىنىمۇ كۈچلۈك ھەم قىزغىن قوللايدۇ. بۇ پۈتكۈل جاھان ئەھلىگىمۇ بەش قولدەك ئايان، ئەلۋەتتە. تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ سىياسىي بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، بۇ ھەقتىكى تىرىشچانلىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقى، سۈرىيەدە ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئورنىتىش يولىدا كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرى، 3.5 مىليوندىن ئارتۇق سۈرىيەلىكنى باغرىغا بېسىۋاتقانلىقى، بۇ ھەقتە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىۋاتقانلىقىمۇ ھەممىگە ئايان. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىغا قارىتا قوزغىغان <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى بولسا، دۆلىتىمىزگە قارىتىلغان تېررورىزم تەھدىتىنى ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش مەقسىتىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغاندۇر.»

ھەقىقىي ئەھۋالنىڭ ئەنە شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ بىن زايىد ئەننەھياننىڭ تۈركىيەنىڭ سۈرىيەگە مۇداخىلە قىلغانلىقى ۋە ئەرەب دۇنياسى ئۈچۈن تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى چۈشىنىشنىڭ قىيىنلىقىنى ھەمدە مىنىستىرنىڭ بۇ سۆزلىرىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاقسوي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قىسقىسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان تارىخىمىزغا ۋە ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە قارىتا قارىلاش تۈسىنى ئالغان باياناتلارنى ئېلان قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ بۇ ئارقىلىق قايسى كۈچلەرگە خىزمەت قىلىۋاتقانلىقى ھەممىگە ئايان.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: «ئوتتۇرا شەرق رايونى ھالقىلىق بىر پەيتنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان مەزگىلدە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش، تەقدىرى ئوخشاش دوست ۋە قېرىنداش خەلقلەر ئارىسىغا پىتنە – پاسات ۋە نىپاق ئۇرۇقلىرىنى چېچىۋېتىش ئەمەس، ئەكسىچە، رايونلۇق مەسىلىلەرنى ھەمكارلىق ئاساسىدا ھەل قىلىشتۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ھەر بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئۈزۈل - كېسىل بىر تەرەپ قىلىش يولىدا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ھەم قەتئىي ئىرادىسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشىدۇر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر