ئەدىرنەدە 20 چەت ئەللىك تۇتۇلدى

ئەدىرنەدە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان 20 چەت ئەللىك تۇتۇلدى.

933087
ئەدىرنەدە 20 چەت ئەللىك تۇتۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەدىرنە ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم ئەترەتلىرى «كۆچمەنلەر ئەتكەسچىلىكى» گە ئالاقىدار ئاخبارات تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن كەشان ناھىيەسىگە قاراشلىق يەنىمۇھاجىر يېزىسى ئەتراپىدا بىر مىنىبۇسنى تەكشۈرۈش جەريانىدا قانۇنسىز يوللار بىلەن چەت ئەلگە چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنغان 20 پاكىستانلىقنى قولغا چۈشۈردى، ئاندىن  ئۇلارنى رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن ئەدىرنە كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر