تۈركىيە قىرىم توغرىسىدا بايانات ئېلان

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغانلىقىنىڭ 4 - يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى.

931118
تۈركىيە قىرىم توغرىسىدا بايانات ئېلان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە، قىرىمنىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن قانۇنسىز رەۋىشتە قوشۇۋېلىنغانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ بۇ قىلمىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھازىرقى ھالەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇكرائىنانىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىنىڭ بۇنىڭدىن 4 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە ئۆتكۈزۈلگەن قانۇنسىز ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە تايىنىپ رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغانلىقىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ ھېسابلىنىدىغان بۇ قىلمىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان ھازىرقى ھالەتنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىمىزنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىز. يېرىم ئارالنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنىڭ بىرى بولغان قىرىم تاتار تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىنى چۆرىدىگەن ھالدا قىرىمدىكى ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن تەقىپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز» دەپ كۆرسەتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر