ئىبراھىم كالىن «ت ر ت» دا ئېنىقلىما بەردى

ئىبراھىم كالىن «ت ر ت خەبەر» قانېلىدا كۈنتەرتىپتىكى مەسلىلەرگە دائىر ئېنىقلىما بەردى.

930436
ئىبراھىم كالىن «ت ر ت» دا ئېنىقلىما بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىكى باياناتچىسى ئىبراھىم كالىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنىڭ %70 ى ئىشقا ئاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىبراھىم كالىن تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى ھەققىدە توختىلىپ، «ئافرىننى يېڭى بىر قاندىل (يەنى بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئىراقتىكى بازىسى)غا ئايلاندۇرۇۋېلىشنى خالايتتى. زەيتۇن شېخى ھەرىكىتى بىلەن بۇ پىلان بىتچىت قىلىپ تاشلاندى. تېررورچىلارغا نىسبەتەن جەمبەر تېخىمۇ تارايدى. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىد ئافرىننىڭ مەركىزىنىمۇ تېررورچىلاردىن تازىلايمىز» دېدى. 

ئىبراھىم كالىن ھەرىكەتنىڭ ئۇتۇغلۇق داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئافرىن ھازىر جۇغراپىيە جەھەتتىن %70 تىن ئارتۇق بىخەتەرلىكى ئىشقا ئاشقان ۋەزىيەتتە تۇرماقتا» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر