ت ر ت تېررورچىلارنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ت ر ت سۈرىيەنىڭ ئافرىن ناھىيەسىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ – پ ك ك غا تەۋە تېررورچىلارنىڭ تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈردى.

930447
ت ر ت تېررورچىلارنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پ ي د ي پ گ نىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ گۇماشتىسى ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاندى.

پاچاقلاپ تاشلانغان بىر تېررورلۇق لاگېرىدىن بايقالغان تىزىملىكتە، تېررورچىلارنىڭ ئىسىملىرى ۋە قايسى دۆلەتلەردىن رايونغا كەلگەنلىكى تەپسىلىي يېزىلغان.

ئاساسلىق كۆپ قىسمى ياروپادىن كەلگەن تېررورچىلار بولسا، پ ك ك نامىدىن تىزىمغا ئېلىنغان.

پ ك ك/ پ ي د ي پ گ غا قاراشلىق ئاتالمىش ئالاھىدە قىسىمنىڭ تەربىيەلەش لاگېرى پاچاقلاپ تاشلانغاندىن كېيىن قولغا چۈشكەن تىزىملىكتە، گېرمانىيە، دانىيە، گېرىتسىيە، لىۋان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن رايونغا كەلگەن تېررورچىلارنىڭ ئىسىملىكلىرى ئورۇن ئالغان.  

تىزىملىك تولىمۇ ئۇزۇن بولۇپ، ياۋروپادىن كەلگەن تېررورچىلار سانىنىڭ يۇقىرى بولۇشى دىققەتنى تارتماقتا.

تېررورچىلار تىزىملىكىدە يەنە ئاياللارنىڭمۇ ئىسمى بارلىقى ھەر بىر ئىسىمنىڭ ئۇدۇلىغا توي قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىمۇ تەپسىلى يېزىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

تېررورچىلارنىڭ قورال ئىسكىلاتىدىن تىپىلغان ئىسىم تىزىملىكى، پ ي د ي پ گ بىلەن پ ك ك نىڭ ئۆزئار مۇناسىۋېتىنى ئېنىق ئشكارىلاپ بەرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر