مۇنبىچ خەلقى رايونلىرىدا ئامېرىكا ۋە پ ك ك/ پ ي د – ي پ گ نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خالىمايدۇ

سۈرىيەنىڭ مۇنبىچ رايونىدىكى يەرلىك خەلق، ئىشغالىيەتچى تېررورچىلارنىڭ ئەڭ چوڭ قوللىغۇچىسى بولغان ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

930357
مۇنبىچ خەلقى رايونلىرىدا ئامېرىكا ۋە پ ك ك/ پ ي د – ي پ گ نىڭ مەۋجۇتلۇقىنى خالىمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇنبىچ مۇزاكىرىلىرى كېچىكتۈرۈلگەن بىر پەيتتە، مۇنبىچنىڭ جامائەت ئەربابلىرى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەھۋاللار ھەققىدە كەسكىن باياناتلاردا بولدى.

رايون خەلقى: «بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ۋە ئۇنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ي پ گ بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىلىقلارنىڭمۇ زېمىنىمىزنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشىنى خالايمىز. ئىشغالىيەتچى ئامېرىكىنىڭ رايون خەلقى ئىچىدە ھېچقانداق ئېتىبارى يوق. ئەگەر مۇنبىچتا تۇرۇشتا چىڭ تۇرىۋالىدىغان بولسا، خەلق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كېرەكلىك جاۋابىنى بېرىمىز» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ مۇنبىچتا تۇرىدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىگە دائىر يېڭى شەپەق گېزىتىگە بايانات بەرگەن جامائەت ئەربابلىرى، ئەسەد ھۆكۈمىتىگە، دائېشقا ۋە پ ك ك/ پ ي د ي پ گ غا قارشى كۈرەشتە 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەملىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى، رايونغا پ ك ك بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇنلاشقان ئامېرىكىلىقلارنىڭ يەنە چوقۇم پ ك ك بىلەن بىرلىكتە كېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

قەبىلە رەھبەرلىرى مۇنبىچنىڭ بىخەتەرلىكىنى تۈركىيە ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ قوغدىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

مۇنبىچنىڭ جامائەت ئەربابلىرى تۈركىيەنىڭ 2016يىلى 24ئاۋغۇستتا باشلىغان ۋە 7 ئاي داۋاملاشقان فىرات قالقىنى ھەرىكىتىدىن كېيىنكى رايوننى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىروگراممىلىرىنى مىسال كەلتۈرۈپ، فىرات قالقىنى ھەرىكىتى مودىلىنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قاراشلىق بەزى قىسىملارنىڭ مۇنبىچنىڭ فىرات قالقىنى رايونىغا قاراشلىق يەرلىدىن چېكىنىشكە باشلىدى.

رايوندىدىكى مەنبەلەر بىرونىۋېكلارنىڭ ھەمراھلىقىدا تۈركىيە ۋە ئەركىن سۇرىيە ئارمىيەسى تۇرۇشلۇق نول نۇقتىلاردىن چېكىنىشكە باشلىغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە يېڭى شەپەق گېزىتىگە مەلۇمات بەردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن بىرلىكتە رەسىملەرگە چۈشكەن ئامېرىكىلىق گېنېراللارنىڭ ئەمدىلىكتە ئەسكەرلىرى بىلەن بىرگە مەزكۇر رايوندىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاتقان يەرلىك مەنبەلەر، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ كۇرت ئەل كەبىر، ئۇممۇل جۇلۇد ۋە سەييادە يېزىلىرىنى تاشلاپ كېتىپ قىلىشقانلىقىنى ئۇقتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر