ئەردوغان بىلەن بىنالى يىلدىرىم ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، جىنسىي ئايرىمچىلىق ئاساسىدىكى بارلىق پوزىتسىيەلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

925289
ئەردوغان بىلەن بىنالى يىلدىرىم ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىدى
erdogan yeşil ay.png

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەردوغان 8مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكنامە ئېلان قىلدى.

ئەردوغان ئائىلىدىن باشلىنىپ، ھاياتنىڭ بارلىق ساھەلىرىدە سۆيگۈسى، ئەمگەكلىرى ۋە پىداكارلىقلىرى بىلەن دۇنياغا گۈزەللىك بەخش ئېتىۋاتقان ئاياللارنىڭ خەلقئارالىق بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقلا قۇرۇلغان دۆلەتنىڭ خېمىرىنى يۇغۇرغان، ئازادلىق ئۇرۇشىنىڭ كۆرۈنمەس قەھرىمانلىرى ھېسابلىنىدىغان، جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە دۆلتىمىز بېسىپ ئۆتكەن مۇساپىلەرگە  زور تۆھپىلەرنى قوشقان، مۇستەقىللىقىمىز ۋە ئىستىقبالىمىزغا قارىتا ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەرگە قارشى ئەڭ ئالدىنقى سەپلەردە كۈرەش قىلغان ئاياللارنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ كەلگۈسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئويناشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان: «ئاياللار بىلەن ئەرلەرنى ئوخشاش بىرلا مېدالنىڭ ئىككى يۈزى دەپ قارايدىغان بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇپلىرى بولغان بىزلەر، جىنسىي ئايرىمچىلىق ئاساسىدىكى بارلىق پوزىتسىيەلەرگە قارشى تۇرىمىز» دېدى ھەمدە ئىنساننىڭ غۇرۇرىغا ئېتىبارسىز قارايدىغان ۋە يۈز بەرگەن نۇرغۇنلىغان ئازابلىق ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبچىسى بولغان، ئازغۇن پىكىرلەرگە قارشى كۈرەشنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى. 

ئەردوغان جىنسىي ئايرىمچىلىق ئاساسىدىكى قاراشلارنىڭ ھەرگىزمۇ قىممەت قاراشلىرىغا، تارىخقا ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ دىنامىكلىرىغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەسىلىنىڭ ھەق ۋە ئادالەت ئاساسىدىكى ئاڭ بىلەن ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن بارلىق خەلقنىڭ بىردەك تىرىشىچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى جېكىلىدى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىممۇ 8مارت ئاياللار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تەبرىكنامىسىدا، سۆيگۈ، پىداكارلىق ۋە ئۈمىدنىڭ مىسالى بولغان بارلىق ئاياللارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىنالى يىلدىرىم ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتە ھەقلىق بولغان قەدىر قىممىتىگە ئىگە بولالىشى، مەدەنىيەتلىك بىر جەمئىيەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئاياللارنىڭ باراۋەر ئىمكانىيەتنى ئاساس قىلغان ھەق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلىرىگە ئىگە قىلىنىشى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئورتاق مەسلىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم: «ئۆيدە ياكى ئىش ئورنىدا قىممەت يارىتىۋاتقان، بىلىم، سانائەت، مائارىپ، كۈلتۈر، سەنئەت ۋە تەنتەربىيەگە ئوخشاش ھەر قايسى ساھەلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق ئاياللىرىمىز، دۆلىتىمىز ئۈچۈن كاتتا ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرمەكتە» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم ئاياللارغا قارىتىلغان ئايرىمچىلىق ۋە زوراۋانلىقنىڭ پۈتۈنلەي يوقىتىلىشى ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ مەسىلىگە دائىر تونۇشنى ئاشۇرىدىغان ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى مەدھىيە بىلەن قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر