چاۋۇشئوغلۇ: تۈركىيە بىلەن ئىراق پ ك ك غا قارشى ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيە بىلەن ئىراقنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋىستىرىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان چاۋۇشئوغلۇ، باغدادنىڭ ئىراقتا 12 – ماي كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان سايلامدىن كېيىن تاشلايدىغان قەدەملىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى ماي ئېيىدا ئاخىرلىشىدۇ. ئىراقتىمۇ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. جۈملىدىن پ ك ك غا قارشى ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارىمىز. ئافرىن ھەرىكىتى ئاخىرلاشمىغان تەقدىردىمۇ ھەم سۈرىيەدە ھەم ئىراقتا بىرلا ۋاقىتتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا كۈچىمىز يېتىدۇ.»
ئۇ يەنە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د/پ ك ك نىڭ ئاتالمىش تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى سالىھ مۇسلىمنىڭ شىۋېتسىيەدە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيەنىڭ شىۋېتسىيەدىن ئۇنى ۋاقىتلىق تۇتقۇن قىلىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

تۈركىيەدە بۈگۈن 167يۇقۇملانغۇچى قازا قىلدى
تۈركىيەدە يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن167كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.