ئەردوغان ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

924291
ئەردوغان ئەزەربەيجانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىدىن ئىگىلەنگەن ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، ئۆتكەن ھەپتە ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدىكى بىر فىزىكىلىق داۋالاش مەركىزىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 30 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئارقىلىق ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت، يارىلانغانلارغا تېز شىپالىقلار تىلىدى.

ئىككى رەھبەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر