بۇ مىللەت ئىتتىپاقلاشقىنىدا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەقەپ تاييىپ ئەردوغان تۈرك خەلقىنىڭ ئىتتىپاق بولغىنىدا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» بىلەن پۈتكۈل دۇنياغا كۆرسەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

924809
بۇ مىللەت ئىتتىپاقلاشقىنىدا نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان پايتەخت ئەنقەرەدە ھاك (HAK)-سودا-سانائەتچىلەر ئاياللار بايرىمى پىروگراممىسىدا خەلققە خىتاب قىلدى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|ك ج ك|پ ي د-ي پ گ ۋە دائېش تېررورىستلىرىنى يوقىتىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20-يانۋاردا باشلىغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» توغرىسىدا توختالدى. ئۇ يوقىتىلغان تېررورىستلار سانىنىڭ 2960 قا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ يەنە بىر مەنىنىمۇ بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئافرىن ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىشلەر، ھەمد بولسۇنكى بىزگە بىر نەرسىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەردى. بۇ مىللەت كۈچلۈك مىللەت، بۇ مىللەت قابىلىيەتلىك مىللەت، بۇ مىللەت ئىتتىپاقلاشقاندا، قەددىنى رۇسلىغاندا ۋە ئويغىنىپ، قېرىنداشلىق رىشتىنى كۈچەيتكەندە نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى» دېدى.

ئۇ تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىنغا قاراپ مەزمۇت قەدەملەر بىلەن داۋاملىق ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە مۇنداق دېدى:

«ئەر رائى، جەرابلۇس، ئەلباب قاتارلىق جايلارنى قانداق كونترول ئاستىغا ئالغان بولساق، ئافرىننىمۇ-ئىككى مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر جاينى ئەنە شۇنداق كونتروللۇق ئاستىغا ئالىمىز، ئارقىدىن ئۇ جايلارنى ئۆز ئىگىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر