ئىچكى ئىشلار مىنىسمتىرلىقى بىر ھەپتىلىك سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى

مەملىكەت مىقياسىدا باشلانغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەردە، بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا ئەزا 13 تېررورىست بىر تەرەپ قىلىندى.

927642
ئىچكى ئىشلار مىنىسمتىرلىقى بىر ھەپتىلىك سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى 5-مارتتىن 12-مارتقىچە بولغان كۈنلەر ئارىسىدا دۆلەت ئىچىدە باشلانغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەر توغرىسىدا مەلۇمات ئېلان قىلدى.

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىچكى بىخەتەرلىك ھەرىكەتلىرىدە بەش تېررورىست تەسلىم بولغان بولۇپ، يەتتە تېررورىست تىرىك قولغا چۈشۈرۈلگەن، بىر تېررورىست ئۆلگەن. ماردىن، تۇنجەلى، ھاككارى، بىتلىس، باتمان ۋە دىيارباكىردىكى ھەرىكەتلەردە، تېررورىستلارنىڭ 21 پاناھلىنىش جايى، غار ۋە تۇزاق ئۈچۈن قويۇلغان توققۇز قول بومبىسى بىر تەرەپ قىلىنغان.

خەۋپسىزلىك قىسىملىرى 1 توننا 172 كىلوگىرام پارتلىتىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ماددا، 46 قول بومبىسى، 21 دانە ئېغىر-يىنىك تىپلىق قورال ۋە 2944 دانە ھەر خىل ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قولغا چۈشۈرگەن.

ھەرىكەتلەردە يەنە، كۆپ مىقداردا زەھەرلىك چېكىملىكلەرمۇ قولغا چۈشۈرۈلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر