شانلىئۇرفادا دائېشنىڭ ئاتالمىش جاللىتى قولغا چۈشۈرۈلدى
شانلىئۇرفا ۋىلايىتىدە دائېشنىڭ ئاتالمىش جاللىتى قولغا چۈشۈرۈلۈپ تۈرمىگە يوللاندى.
922329

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شانلىئۇرفادا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ سۈرىيەدىكى ئاتالمىش «جاللاتلىرى»دىن بولغان بىر تېررورچى ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلدى.
شانلىئۇرفا ساقچى ئىدارىسىگە قاراشلىق تېررورىزىمغا زەربە بېرىش ئەترىتى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاتالمىش جاللىتى سۈرىيە پۇقراسى بولغان م. ك ۋە يەنە بىر تېررورچىنى تۇتۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
ھەرىكەت ئەسناسىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئاتالمىش جاللاتنىڭ نۇرغۇن قېتىم جىنايىي قىلمىش سادىر قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
قولغا چۈشۈرۈلگەن بۇ ئىككى تېررورچى قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە يوللاندى.