خۇلۇسى ئاقار: شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ يەردە قالمايدۇ

باش ئىشتلاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار شېھىتلىرىمىز ۋە غازىلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىنىڭمۇ يەردە قالمايلدىغانلىقىنى ئېيتتى.

921885
خۇلۇسى ئاقار: شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ يەردە قالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خۇلۇسى ئاقار: «شېھىت ۋە غازىلىرىمىزنىڭ ھېچ بىرىنىڭ بىر تامچە قېنىمۇ يەردە قالمايدۇ. تېررورچىلار ۋە بۇلارغا ياردەم قىلىۋاتقان كۈچلەر چوقۇم مەغلۇپ قىلىنىدۇ» دېدى.

گېنېرال خۇلۇسى ئاقار زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ كۈرەش، ئەسكەرلىرىمىز، ژاندارمىمىز، ساقچىلىرىمىز، ئامانلىقنى ساقلاش خادىملىرىمىز ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى بىلەن مۇرىنى مۇرىگە تىرەپ، ئەڭ ئاخىرىقى بىر تېررورچى ئۇجۇقتۇرۇلغانغا قەدەر، قەتئىي ئىرادە ۋە بىر پۈتۈنلۈك ئىچىدە توختاۋسىز داۋاملىشىدۇ. ھەرىكەت جەريانىدىكى پۈتۈن پائالىيەتلىرىمىز ھەم ھەربىي جەھەتتىن، ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن دۇنيادىكى باشقا بارلىق دۆلەتلەرگە ئۈلگە بۈلىدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلماقتا. ھەرىكەت رايونىدا تۇرۇشلۇق پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئېھتىياجلىرى ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن ھالدا قامدالماقتا. سەھىيە مۇلازىمەتلىرى ۋە باشقا ياردەم بويۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلىشىگە كۈچ چىقىرىلماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر