تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د – ي پ گ نىڭ قورال ئامبىرى چېخىيەدە

بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د – ي پ گ نىڭ قورال ئىسكىلاتلىرى چېخىيەدە ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

920807
تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د – ي پ گ نىڭ قورال ئامبىرى چېخىيەدە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د ي پ گ نىڭ كاتتېباشلىرىدىن سالىھ مۇسلىمغا پاناھلىق بەرگەن چېخىيە ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىيەنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان قوراللارنىڭمۇ مەنبەسى بولماقتا.

ئامېرىكا پ ك ك/ پ ي د ي پ گ غا بەرگەن قوراللارنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسىمىنى چېخىيە تەمىنلەپ بەرمەكتە.

ئافغانىستان تۈركىيە خەلتئارالىق ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى قوماندانى، پېنسىيەگە چىققان پولكوۋنىك ھايدەر ئاتەش، چېخىيەگە دائىر يېڭى ۋەزىيەت ھەققىدە يېڭى شەپەق گېزىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

ھايدەر ئاتەش ئامېرىكىنىڭ ۋاراشاۋا باياناننامىسىغا ئەزا دۆلەتلەردىن توپلىغان قوراللارنى دەسلەپتە بۇلغارىيە ئارقىلىق رومىنىيەدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا، ئاندىن سۈرىيەنىڭ ھەسەكە رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ ئىسكىلاتلىرىغا يوللىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىراگا مەركەزلىك قورال تىجارىتىنىڭ يىللىق ئومۇمىي سوممىسى 7080 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، پراگادا قۇرۇلغان قورال ئىسكىلاتلىرىنىڭ يېقىنقى 5 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم خېرىدارىرىنىڭ ئامېرىكا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

ھايدەر ئاتەش: «ئامېرىكا قوراللارنى كىمگە بەرگەنلىكىنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ ۋە كەلگۈسىدە پ ك ك غا تاپشۇرۇلغان قوراللار سەۋەبىدىن ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىنىمۇ كۆزدە تۇتۇپ، پ ك ك غا ئۆز ئارمىيەسىنىڭ قوراللىرىنى بېرىشتىن قورقىدۇ. شۇڭا تېروررلۇق تەشكىلاتلىرىغا باشقا دۆلەتنىڭ قوراللىرىنى يوللاش يولىنى تۇتتى. قانۇنسىز قورال تىجارىتىدە بازاردا ئورۇن ئالغان سىياسىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارمۇ بۇ ئىشتىن خۇسۇسىي مەنپەئەتكە ئېرىشمەكتە» دېدى. 

2018يىلى 13 - فېۋرالدا تېرورلۇق تەشكىلاتى كاتتىبېشى سالىھ مۇسلىم، تۈركىيەنىڭ خەلقئارالىق قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاغانلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 25 - فېۋرالدا چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا نازارەتكە ئېلىنغان ۋە سوت مەھكىمىسىدە قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن سالىھ مۇسلىمنىڭ پراگادا قورال سودىگەرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بۇ ئارىلىقتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د ي پ گ نىڭ چەت ئەللىكلەردىن تەشكىل تاپقان ئەترىتىدىمۇ چېخىيەدىن 40 تىن ئارتۇق مىلىتان بارلىقى بىلدۈرۈلدى.

2016يىلىمۇ ماركەتتا ۋسېلىچوۋا ۋە مىراسلوۋ فاركاس ناملىق 2 نەپەر چېخىيە پۇقراسى پ ك ك سەپلىرىگە قېتىلىش ئۈچۈن ئىراققا بارماقچى بولغاندا شىرناكتا تازارەتكە ئېلىنغان ئىدى.
 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر