«گوللاندىيە بىز بىلەن ھەپىلەشكۈچە ئۆزىنىڭ نومۇس قىلارلىق تارىخىغا نەزەر تاشلىشى شەرت»

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم گوللاندىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن ھەپىلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ نومۇس قىلارلىق تارىخىغا نەزەر تاشلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

919759
«گوللاندىيە بىز بىلەن ھەپىلەشكۈچە ئۆزىنىڭ نومۇس قىلارلىق تارىخىغا نەزەر تاشلىشى شەرت»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  يىلدىرىم ئەنقەرە سودا - سانائەتچىلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن چاقىرىلغان يىغىندا قىلغان سۆزىدە، نۆۋەتتە 1915 – يىلقى ۋەقەلەر توغرۇلۇق ئەنقەرەگە تۈرلۈك بوھتانلارنى چاپلاپ تۈركىيە بىلەن ھەپىلىشىۋاتقانلارنى ھوشىنى يىغىپ ئۆزلىرىنىڭ نومۇس قىلارلىق تارىخىغا نەزەر تاشلىشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە نۆۋەتتە بىر تەرەپتىن تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەسىگە يېتىش، خەلقىنى باياشات ھەم پاراۋانلىق تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش، ياشلىرى بىلەن خانىم – قىزلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يولىدا ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ھايات – ماماتلىق  كۈرەش قىلماقتا.»

مىللىي نىشانلارنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى يولىدا بەزى نەرسىلەردىن ۋاز كېچىپ، پىداكارلىق كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان  يىلدىرىم، بۇ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بىرلىك ۋە باراۋەرلىكنى قوغداشنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بىزنى بىر يەرگە جەم قىلالىغان كۈچ نېمە؟ ئەلۋەتتە، بايرىقىمىزدۇر، دۆلىتىمىزدۇر، خەلقىمىزدۇر ۋە 780 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرلىق تېرروتېرىيەمىزدۇر. بۇنىڭ سىرتدىكىلەر بىزنىڭ بايلىقلىرىمىزدۇر. يەنى ئەرەب، كورد ياكى باشقا بىر ئېتنىك گۇرۇپپىدىن بولۇشقا بىر قارار قىلالمايمىز، ئەمما بۇ كۈچىمىزنى بىرلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىزگە باغلىقتۇر. دەرۋەقە، بىزنى بىرلەشتۈرگەن ۋە گىرەلەشتۈرگەن بۇ قىممەت ئۆلچەملىرىمىز بۇ تېرروتېرىيەدە قانچە ئەسىرلەر مابەينىدە بىزگە ھاكىمىيەت تىكلەتكۈزگەن قىممەتلىرىمىزدۇر.»

 يىلدىرىم گوللاندىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ قوبۇل قىلىش توغرۇلۇق چىقارغان قارارىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق دېدى: «غەربلىكلەر نۆۋەتتە بىزگە نەسىھەت قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. بىزگە <ئىرقىي قىرغىنچىلىق> بىلەن تۆھمەت چاپلاپ بىزدىن ھېساب ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. 1915 – يىلقى ۋەقەلەرنى بۇرمىلاپ قانداقتۇر ئاتالمىش <ئەرمەنىي قىرغىنچىلىقى> ھەققىدە قارارلارنى چىقىرىپ بىز بىلەن ھەپىلىشىۋاتىدۇ. ئەي غەربلىكلەر! سىلەر بىزدىن ھېساب ئېلىش ھەم بىز بىلەن ھەپىلىشىشنىڭ ئورنىغا ئۆزۈڭلارنىڭ نومۇس قىلارلىق تارىخىڭلارغا بىرەر قېتىم بولسىمۇ نەزەر تاشلىشىڭلار شەرت. شۇنداق قىلساڭلار، كىمنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى ناھايىتى روشەن ھالدا بىلىۋالالايسىلەر. دەرۋەقە، مۇستەملىكىچىلىك، ئىرقىي قىرغىنچىلىق، قەتلىئام قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ گېنلىرىڭلارغا ئورناپ كەتكەن. ئەمما بىزدە ئۇنداق ئىش يوق. سىلەر بۇنداق يالغان – ياۋىداقلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئالدى بىلەن، ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆتمۈشتىكى نىجىس جىنايى قىلمىشلىرىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىڭلار، ئەركىن ئىنسانلارنى قۇللۇققا چۈشۈرۈش سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشتەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايىتىڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىڭلار، ئۇزۇن يىللار نۇرغۇن دۆلەتلەرنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان جىانىيىتڭلارنىڭ ھېسابىنى بېرىڭلار، قىلچە ئىككىلەنمەستىن مىليونلارچە ئىنساننى قەتل قىلىشتەك جىنايىتىڭلارنى ھېسابىنى بېرىڭلار. ئاندىن بىزگە بۇنداق بوھتانلارنى چاپلىساڭلارمۇ ھەرگىز كېچىكمەيسىلەر.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر