تۈركىيە ئارمىيەسى: بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 1780 گە يەتتى
تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانى 1780 گە يەتتى.
914889
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش قوماندانلىق ئىشتابى بايانات بېرىپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە، پ ك ك – ي پ گ ۋە دائېش ئەزاسى تېررورچىلارنى يوقىتىش مەقسىتىدە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ، دائېش ئەزاسى 65 تېررورچىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى باشلىغان 20 - يانۋاردىن بۇيان ئافرىندا بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 1780 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.