بالىكەسىردە 17 چەت ئەللىك كۆچمەن قولغا چۈشتى
بالىكەسىرنىڭ ئايۋالىق ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار بىلەن گىرېتسىيەنىڭ مىدىللى ئارىلىغا ئۆتۈپ كەتمەكچى بولغان 17 كۆچمەن قولغا چۈشتى.
915272
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بالىكەسىر ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئايۋالىق ساھىل بىخەتەرلىك قوماندانلىق ئىشتابى ئەترەتلىرى كۈچۈككۆي مەھەللىسى سارىمساقلى رايونىدا چەت ئەللىك كۆچمەنلەر ئولتۇرغان بىر كېمىنىڭ گىرېتسىيە تەرەپكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ھەرىكەت ئۆتكەن ھەمدە بۇ جەرياندا 6 ئايال بىلەن 5 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۈرىيەلىك 17 قانۇنسىز كۆچمەن بىلەن بۇ ئىشنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئۆ پ نى قولغا چۈشۈرگەن.
«ئەدىيال، دورا، سۇ ۋە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلار» ياردەم قىلىنغان كۆچمەنلەر رەسمىيەتلىرى تاماملانغاندىن كېيىن بالىكەسىر كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا يوللانغان.