سىۋاس ۋە قىرقلارئەلىدە ئونلارچە چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى تۈركىيەگە قانۇنسىز كىرگەن ۋە تۈركىيەدىن قانۇنسىز چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئونلارچە چەت ئەللىكنى قولغا چۈشۈردى.

914406
سىۋاس ۋە قىرقلارئەلىدە ئونلارچە چەت ئەللىك قولغا چۈشۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىۋاستا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرگەنلىكى دەلىللەنگەن چەت ئەل پۇقراسى 20 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

گۆلئوۋا ناھىيەلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، توكات – ئەرزىنجان تاش يولىنىڭ گۆلئوۋا ناھىيەسىگە يېقىن جايدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، ھ . گ ئىسىملىك بىر كىشى ھەيدىگەن مىنىبۇسنى توسۇپ، ئاپتۇبۇستا قانۇن يوللار ئارقىلىق تۈركىيەگە كىرگەنلىكى ئېنىقلانغان  4 ئايال، 10 كىچىك بالا بولۇپ ئافغانىستان پۇقراسى جەمئىي 20 كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

مىنىبۇس شوپۇرى كۆچمەنلەرنى قاچۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىندى.

قولغا چۈشۈرۈلگەن ئافغانىستانلىقلار رەسمىيەتلەر تۈگىگەندىن كېيىن ۋىلايەتلىك كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.

قىرىقلارئەلىدىمۇ قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق چەت ئەلگە چىقىپ كەتمەكچى بولغان چەت ئەل پۇقراسى 20 كىشى قولغا چۈشۈرۈلدى.

ۋىلايەتلىك قوراللىق ساقچى قىسىم خادىملىرى، كوفچاز ناھىيەسىدە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق ياۋروپاغا كېتىشكە تەييارلىنىۋاتقان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى بايقاپ، دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئارقىلىق ئىران ۋە سۈرىيە پۇقراسى جەمئىي 20 كىشىنى قولغا چۈشۈردى.

قاچقۇنلار ۋە مۇساپىرلاردىن تەشكىل تاپقان مەزكۇر 20 كىشى قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى رەسمىيەتلەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قىرقلارئەلى كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر