«بەزى دوستلىرىمىز تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە بىزگە ياردەم بەرمەيۋاتىدۇ»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىشلىرى مىنىستىرى، قوشۇمچە باش مۇزاكىرىچى ئۆمەر چەلىك ئەنقەرەنىڭ بەزى دوستلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە تۈركىيەگە ياردەم بەرمەيۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

914415
«بەزى دوستلىرىمىز تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە بىزگە ياردەم بەرمەيۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چەلىك، ئادانادا چاقىرىلغان 37 – نۆۋەتلىك «تۈركىيە – ياۋروپا ئىتتىپاقى قوشما مەسلىھەت كېڭىشى» يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا پۇقرالارنى قوغداشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارمىيەسى ئافرىن رايونىدا پ ك ك / ك ج ك / پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان <زەيتۇن شېخى> ھەربىي ھەرىكىتى جەريانىدا بىر تەرەپتىن ھايات – ماماتلىق  كۈرەش قىلماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن، پۇقرالارنى قوغداشقا ناھايىتى زور ئەھمىيەت بەرمەكتە. شۇنداقتىمۇ، بەزىلەر پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقى توغرۇلۇق پىتنە – ئىغۋالارنى تارقاتماقتا، ئەمما بىز بۇ پىتنە – ئىغۋالارنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقتۇق.

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «بىز دائېشقا قارشى كۈرەش قىلغاندا بىزگە ياردەم بەرگەن ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بەزى دوستلىرىمىز باشقا بىر تېررورلۇق تەشكىلاتى بولغان پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د ۋە ي پ گە قارشى  كۈرەشتە بىزگە ياردەم بەرمەيۋاتىدۇ. شۇنى تەكىتلەش كېرەككى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى مەسىلىسىدە جىددىي پوزىتسىيە تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر