«ئەسەد ئافرىنغا ئەسكەر ئەۋەتسە پالاكەت كېلىپ چىقىدۇ»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ ئەسەد ھاكىمىيىتى ئافرىنغا ئەسكەر ئەۋەتسە رايوندا پالاكەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

913834
«ئەسەد ئافرىنغا ئەسكەر ئەۋەتسە پالاكەت كېلىپ چىقىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزداغ سۈرىيەدە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ چوماقچىسى ي پ گ نى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئافرىنغا ئەسكەر ئەۋەتىشىنىڭ پالاكەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ھۆكۈمەت باياناتچىسى بەكىر بوزداغ، تۈركىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ پىلان بويىچە ئوڭۇشلۇق كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«تۈركىيە قەتئىي قارارغا كەلدى، كەينىگە داجىمايدۇ»دېگەن بوزداغ ئەسەد قىسىملىرىنىڭ ئافرىنغا ئەسكەر ئەۋەتىشى توغرۇلۇق تارقالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بوزداغ: خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئەسەد ئافرىنغا ئەسكەر ئەۋەتمەيدىكەن، ناۋادا ئەسەد ئافرىنغا ئەسكەر ئەۋەتسە رايوندا پالاكەت يۈز بېرىدۇ، دېدى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغان تېررورچى سانىنىڭ 1650غا يەتكەنلىكىنى ئېيتقان بوزداغ، رايوندا ئەڭ ئاخىرقى تېررورچى بىر تەرەپ قىلىنغۇچە ھەربىي ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەكىر بوزداغ ئامېرىكا بىلەن مۇنبىچ توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا بەرپا  قىلىنىدىغان مېخانىزما ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: تۈركىيە مۇنبىچتىن تېررورچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن قەتئىي قارارغا كەلدى، ئامېرىكا مۇنبىچتىن تېررورچىلارنى چېكىندۈرۈپ چىقمىسا بىز قاراپ تۇرمايمىز، بىز مەسىلىنىڭ دىيالوگ ئارقىلىق بولۇشىنى خالايمىز، دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر