تۈركىيە ئىرانغا تەزىيە بىلدۈردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 66 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئايروپىلان قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىغا تەزىيە مەكتۇپى يوللىدى.

913087
تۈركىيە ئىرانغا تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىراندا دۆلەت ئىچى سەپەرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ئايروپىلاننىڭ تۈنۈگۈن ئىسپاھان ئۆلكىسى ئەتراپىدا چۈشۈپ كېتىپ، 66 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تېپىلدى. بۇ قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلەيمىز، دوست ۋە قېرىنداش ئىران خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېيىلدى.

باياناتتا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىفقا تەزىيە تېلېگراممىسى يوللىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى.

بۇ دائىرىدە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 66 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئايروپىلان قازاسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىغا تەزىيە مەكتۇپى يوللىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانىغا تەزىيە مەكتۇپى يوللاپ، ئىراننىڭ جەنۇبىي قىسمىدا مەيدانغا كەلگەن ئايروپىلان قازاسىدا 66 ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرۇش ئىچىدە خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرى ۋە قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ئاللاھتىن رەھمەت تىلىدى.

رۇھانىغا، دوست ۋە قېرىنداش ئىران خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىران خەلقىنىڭ ئازابىغا چىن دىلىدىن ئورتاق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئۇ، تۈركىيەنىڭ، ئېھتىياج چۈشكەن تەقدىردە، بۇ ئازابلىق ھادىسىنىڭ تەكشۈرۈلۈشى، ئىزدەش – قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى قاتارلىق باسقۇچلاردا ھەر تۈرلۈك ياردەمنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر