تۈركىيە پ ك ك نىڭ «ئۇۋىسى قەندىل»گە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنىڭ سىگنالىنى بەردى

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىم تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ قەندىلدىكى پ ك ك قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغايدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

913256
تۈركىيە پ ك ك نىڭ «ئۇۋىسى قەندىل»گە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشنىڭ سىگنالىنى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم ئىراقنىڭ قەندىل رايونىدىكى پ ك ك قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

يىلدىرىم مىيونخىن خەۋپسىزلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان گېرمانىيەدىن تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

قەندىلگە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش مەسىلىسىنى مىيونخىندا ئىراق باش مىنىستىرى ھەيدەر ئەل-ئىبادى بىلەنمۇ كېڭەش قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن يىلدىرىم: قەندىلدىكى پ ك ك قوراللىق ئۇنسۇرلىرىغا ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ھەربىي ھەرىكەت قوزغايمىز، دېدى.

يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ ئىراق ۋە سۈرىيەدە تېررورچىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىگە باش مىنىستىر ئىبادىنىڭمۇ تۈركىيە بىلەن ئوخشاش قاراشتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بىنالى يىلدىرىم مۇنداق دېدى: «ئىبادى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تەلتۆكۈس يوقىتىلمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىراقنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا بىر ئوچۇم دائېش ئەزاسىنىڭ ھېلىھەم تەلىم-تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ كېيىىنچە ئادەم بومبا سۈپىتىدە ئىشىلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئۇ پ ك ك ۋە سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ-پ ي د غا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ھەرىكىتىمىزنى توغرا چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشتا يوللۇق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.»

يىلدىرىم يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ھەم قەندىلدە ھەم باشقا جايلاردا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا تامامەن قابىلمىز، ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن بىمالال ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بارالايمىز، ئىران ياكى ئىراقمۇ قەندىلگە قوزغايدىغان ھەربىي ھەرىكىتمىزگە باشقىچە قارىمايدۇ.»

بىنالى يىلدىرىم ئىبادىگە تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىنى پ ك ك –ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن بۇ يىل 20-يانۋاردا قوزغالغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق مەلۇمات بەردى.

ئىبادىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىراق ئارىسىدا يېڭى چېگرا ئېغىزى تەسىس قىلىشنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى ئېيتقان يىلدىرىم، بۇ مەسىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشكەنلىكىنى، ئىراقتىن تۈركىيەگە يېڭى نېفىت تۇرۇبا لىنىيەسى بەرپا قىلىش مەسىلىسىدىمۇ بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر