خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پ ي د نىڭ پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا دائىر باياناتلىرى

ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پ ك ك / ك ج ك بىلەن پ ي د / ي پ گ نىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتلىرى.

913629
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پ ي د نىڭ پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا دائىر باياناتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: پ ي د / ي پ گ نىڭ پ ك ك / ك ج ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار  ئېنىقلىمىلار كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ھەم بىخەتەرلىك ئورگانلىرى تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغان ھەقىقەتتۇر. دەرۋەقە، كۆپلىگەن دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتلاردىمۇ بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورگانىك جەھەتتىن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بەزى دۆلەتلەرنىڭ پ ي د / ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئىكەنلىكى ۋە پ ك ك بىلەن ئورگانىك مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار باياناتلىرى تۆۋەندىكىچە:

 

1 - ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى

 

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشقا قارشى كۈرەش نامى ئاستىدا سۈرىيەدە پ ي د / ي پ گ گە قورال – ياراغ، ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە تەلىم - تەربىيە جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاشقى ئاخبارات ئورگىنى «مەركىزىي ئاخبارات ئورگىنى (CIA)» نىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت تور بېتىدە، پ ي د / ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇمتاشتىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

مەزكۇر ئورگاننىڭ سۈرىيەگە ئالاقىدار دوكلاتىدا، پ ي د / ي پ گ سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «چەت ئەل مەنبەلىك تېررورلۇق تەشكىلاتى» دېيىلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئورگاننىڭ ئىنتېرنېت تور بېتىدە، پ ي د نىڭ سابىق كاتتىباشلىرىدىن سالىھ مۇسلىم توغرۇلۇق «پ ك ك / ك ج ك نىڭ سۈرىيەدىكى ۋەكىلى» دېيىلگەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 11 – سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن تېررورىزمغا قارشى  كۈرەشتە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشلىشى ئۈچۈن قۇرۇپ چىققان مىللىي تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەركىزى (NCTC)) نىڭ ئىنتېرنېت تور بېرىتىدىمۇ، پ ي د / ي پ گ نىڭ پ ك ك / ك ج ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئەمما مەزكۇر ئورگان كېيىنچە بۇ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.

مەركىزىي ئاخبارات ئورگىنى بىلەن  مىللىي تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش مەركىزىنىڭ بۇ باياناتلىرىدىن سىرت يەنە، باراك ئوباما دەۋرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاشتون كارتېرمۇ ئامېرىكا پالاتاسىنىڭ «دائېش» تېمىلىق يىغىنىدا، ي پ گ بىلەن پ ك ك نىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنى بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت  2018 – يىلى 26 – يانۋار كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن رايونىدا قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى ۋە تۈركىيەنىڭ رايوندىكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق توختالغاندا، رايوندىكى پ ي د ئۇنسۇرلىرى ئۈچۈن «ي پ گ» نىڭ ئورنىغا بىۋاسىتە «پ ك ك» ئىبارىسىنى ئىشلەتكەن.

كېيىنچە سۆزلىرىگە ھېچقانداق تۈزىتىش كىرگۈزمىگەن ھېسېر ناۋېرت: «تۈركىيە سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا دائېشتىن نەزىرىنى يىراقلاشتۇرۇپ پ ك ك نىڭ ئىزىغا چۈشتى. ئۇ يەردە مۇقىملىقنى خالايمىز» دېگەن.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 2013 – يىلقى يىغىنىدا،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ياردەم بېرىۋاتقان، ھەتتا «ئىتتىپاقداش» دەپ قاراۋاتقان تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغانلىقى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ھۆججەتنى تەستىقلىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى مەنبەلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە باشقا ناتو غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا 2013 – يىلى ئىيۇن ئېيىدا ناتو قارارگاھى جايلاشقان بىريۇسسېلدا ناتو ئىستىراتېگىيەلىك ئاخبارات ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرى ئىشلەنگەن. بۇ خىزمەتلەر تاماملانغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان ھۆججەتتە، ك ج ك ۋە پ ك ك دىن سىرت يەنە،  پ ي د / ي پ گ مۇ «تېررورلۇق تەشكىلاتى» دېيىلگەن.

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىمۇ بۇ ھۆججەتنى قوبۇل قىلىپ رەسمىي تەستىقلىغان. ناتو نىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىستىراتېگىيەلىك ئاخبارات ھۆججىتى ھېسابلىنىدىغان « MC-160» دا، پ ي د، پ ك ك بىلەن چېتىشلىقى بار تېررورلۇق تەشكىلاتى سۈپىتىدە رەسمىي تىزىمغا ئېلىنغان.

سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى توغرۇلۇق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ مۇھىم تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ئاسپېن ئىنىستىتۇتى تەرىپىدىن  كولورايدو ئىشتاتىدا چاقىرىلغان يىللىق بىخەتەرلىك يىغىنىدا، پ ي د گە ئالاقىدار مۇھىم باياناتلارنى بەرگەن ئامېرىكا ئالاھىدە قىسىملىرى قوماندانى گېنېرال رايموند توماس، تۈركىيە تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ قاراۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ي پ گ نىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرۇشنى تەۋسىيە قىلغانلىقلىرىنى، بۇنىڭغا ئاساسەن تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىسمىنىڭ «سۈرىيە دېموكراتىك كۈچلىرى» گە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى قەيت قىلغان ھەمدە ئىسمى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن ي پ گ نىڭ ئىشەنچىلىكلىكى بىرئاز زورايغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ي پ گ بىلەن پ ك ك نىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنىڭ نۇرغۇن جەھەتتىن مەسىلە پەيدا قىلغانلىقىنى ي پ گ لىكلەگىمۇ بىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتقان توماس: «ئۇلار ئۆز ماركىلىرىغا ئاساسەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشلىرى لازىم. كونا مەھسۇلاتقا، يەنى داۋاملىق پ ك ك غا ئەگەشكەن تەقدىردە، مۇناسىۋەتلەردە كۈتۈلمىگەن قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ» دېگەن.

 

2 – ئەنگلىيە 

 

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى، ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ 2016 – يىلى مارتتا تۈركىيە توغرۇلۇق ئېلان قىلغان: «بېسىممۇ؟ ياكى ياخشىلىنىشمۇ؟ تۈركىيە ئۈچۈن قارار چىقىرىشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى – پارلامېنت ئەزالىرى سەلبىي ئەنگلىيە رولىنى قوللاۋاتىدۇ» تېمىلىق 79 بەتلىك دوكلاتىغا بەرگەن جاۋابىدا، تۈركىيەنىڭ پ ك ك نىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئەنگلىيەنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى» گە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن جاۋابتا، پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د /  ي پ گ توغرۇلۇق مۇنداق دېيىلگەن: «ي پ گ ئەنگلىيەنىڭ <تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى تىزىملىكى> گە كىرگۈزۈلمىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ي پ گ نىڭ ۋە ئۇنىڭ سىياسىي قانىتى پ ي د نىڭ پ ك ك بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارلىقىدىن ئەندىشىلىكمىز. بۇ ھەقتىكى ئاخباراتلارغا جىددىي قارايمىز ھەمدە پ ي د بىلەن ئۇچراشقانلىرىمىزدا بۇنى كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈۋاتىمىز. ي پ گ ۋە پ ي د نى پ ك ك ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىدىن يىراق تۇرۇشقا چاقىرىمىز.»

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنگلىيە باش ئەلچىسى رىچارد مور تېررورىزم مەسىلىسى ۋە سۈرىيە كىرىزىسى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە باياناتلارنى بەرگەن. تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك غا قارشى  كۈرەشتە تۈركىيەنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دوستىنىڭ ئەنگلىيە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مور مۇنداق دېگەن: «بۇ مەسىلىدە پوزىتسىيەمىز ناھايىتى ئوچۇقتۇر؛ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر. پ ي د بولسا پ ك ك نىڭ گۇماشتىسىدۇر. دەرۋەقە، پ ي د نىڭ ئىشخانىسىغا بارغىنىڭىزدا، ئابدۇللاھ ئۆجەلاننىڭ رەسىملىرىنى كۆرىسىز.»

ئەنگلىيە ئوتتۇرا شەرق ئىشلىرىغا مەسئۇل دۆلەت ۋەزىرى ئالىستار بۇرت، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن پ ي د / ي پ گ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت توغرۇلۇق توختالغاندا مۇنداق دېگەن: « تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن پ ي د / ي پ گ نىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقى بىزگە بەش قولدەك ئايان. دەرۋەقە، پ ي د ۋە ي پ گ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغىنىمىزدىمۇ، ئۇلارغا پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى لازىملىقىنى تەكىتلەۋاتىمىز. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇناسىۋەتنى ئۈزمەيۋاتىدۇ. بۇ ھەممىگە بەش قولدەك ئايان.»

ئۇ يەنە، سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلغان: «پ ك ك بىلەن بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز يوق، بىراق مۇناسىۋەت ئورنىتىلىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىدىن ئەندىشىلىكمىز. پ ي د نى داۋاملىق پ ك ك بىلەن ھەممە جەھەتتىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە چاقىرىۋاتىمىز.»

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيەدە ياشاۋاتقان «س. ئۆ» ئىسىملىك شەخس ئەنگلىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتلىدىغانلىقى سەۋەبىدىن 21 ئاي قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. مەزكۇر شەخس ئائىلىسىگە قالدۇرغان مەكتۇبى ۋە ۋىدېئودا، دائېشقا قارشى كۈرەش ئۈچۈن ئەين ئەلئەرەب (كوبانى) غا كېتىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ۋە پ ك ك نىڭ سېپىگە قېتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

ئەنگلىيە ئەدلىيە ئورگانلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان قاراردىمۇ، پ ك ك غا قاراشلىق پ ي د / ي پ گ نىڭ سۈرىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

 

3 – گېرمانىيە

 

گېرمانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 2018 – يىلى 4 - فېۋرال كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە، سولچىل پارتىيەنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى كاتجا كىپپىڭنىڭ،  گېرمانىيە پارلامېنتىدا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئافرىن ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىگە ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكەتنى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلمىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىگە ئورۇن بېرىلگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، بۇنىڭغا ئاساسەن، گېرمانىيە ئۈچۈن تاللاش پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى پېتر بىسترون ئافرىندا ئۆلتۈرۈلگەن تېررورچىلار ئۈچۈن گېرمانىيە پارلامېنتىدا ماتەم تۇتقان سولچىل پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىغا بەرگەن جاۋابىدا مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە گېرمانىيەمۇ تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ. سىلەرنىڭ دەردىڭلار بولسا، ماركسىست پ ك ك لىق دوستلىرىڭلارنىڭ زەربە يېيىشى. ھالبۇكى، سىلەر قانۇنسىز گۇرۇپپىلار ئارقىلىق پۇل يىغىش قىلىپ، قورال - ياراغ سۈپىتىدە پ ك ك غا ياردەم بېرىۋاتىسىلەر.»

ئۇ بۇ سۆزلىرى ئارقىلىق تېررورلۇق تەشكىلاتىنى سىمۋول قىلىدىغان شارپىلارنى تاقاپ پارلامېنتقا كېلىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.

 

4 – گوللاندىيە

 

گوللاندىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھالبې زىجىلسترا 2018 – يىلى 23 – يانۋار كۈنى  تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىغا قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ قانۇنىي قوغدىنىش ھوقۇقىغا ئالاقىدار 51 – ماددىسىنى نەقىل كەلتۈرگەن ھالدا مۇنداق دېگەن: «تۈركىيە ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ھۇجۇملارغا ئۇچرىدى. شۇڭا، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنى قوغدىشى ئۈچۈن يېتەرلىك دەرىجىدە دەلىل – ئىسپاتلار بار. دەرۋەقە، ي پ گ مەسۇم ئەمەستۇر. گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ھېچقاچان ي پ گ نى قوللىغىنى يوق. دەرۋەقە، ي پ گ بىلەن پ ك ك ئوتتۇرىسىدا كۈچلۈك مۇناسىۋەت بار. گوللاندىيە ۋە ياۋروپانىڭ قارىشىچىمۇ پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىدۇر.»

 

5 – ئىسپانىيە

 

ئىسپانىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىغا ئاساسلانغاندا، پ ك ك / ك ج ك بىلەن پ ي د / ي پ گ ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بارلىقىغا ئالاقىدار دەلىل – ئىسپاتلار باردۇر.

 ئىسپانىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن 2017 – يىلى 27 – يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، 8 ى ئىسپانىيە پۇقراسى، 1 ى تۈركىيە پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي 9 كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىسپانىيە دائىرىلىرى   قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىن پ ك ك / ك ج ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى بولغان پ ي د / ي پ گ نى خادىم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئىسپانىيە ئالاھىدە ھوقۇقلۇق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2017 – يىلى 23 – يانۋار كۈنى قوبۇل قىلىنغان شىكايەتنامىدە، گۇماندارلاردىن ئىككىسىنىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا دائېشقا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە قوراللىق تەربىيەلەنگەنلىكى، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەنىڭ شىمالىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قوراللىق گۇماشتىسى ي پ گ نىڭ سېپىگە قېتىلغانلىقى ھەمدە پ ك ك تەرىپىدىن بېرىلگەن بۇيرۇقلارنى ئىجرا قىلىدىغان ۋە بۇ تەشكىلاتقا قاراشلىق بولغان ي پ گ نىڭ ئالدىنقى سەپلىرىدە توقۇنۇشلارغا ئاكتىپ قاتناشقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چىقىرىلغان بۇ قارار،  پ ي د / ي پ گ نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىنىڭ ئىسپانىيە تەرىپىدىنمۇ قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر