چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەردۇق

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەنلىكىنى، شۇڭا ۋاشىنگتوننىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى لازىملىقىنى ئېيتتى.

913137
چاۋۇشئوغلۇ: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەردۇق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىيوردانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەيمەن ئەسسافەدىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن پايتەخت ئاممانغا يېتىپ بارغان چاۋۇشئوغلۇ، بۇ يەردىكى تۈركىيە باش ئەلچىخانىسىدا تۈركىيە پۇقرالىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتە چېگرا سىرتىدا ئۆزىگە تەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان ۋە كەلگۈسىدىمۇ تېخىمۇ چوڭ تەھدىت شەكىللەندۈرىدىغان بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ گە قارشى  كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئافرىن رايونىدىكى «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ مۇشۇ مەقسەتتە باشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «نىشانىمىز ھەرگىزمۇ سۈرىيەنىڭ زېمىنىنى بېسىۋېلىش ئەمەستۇر، سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇش ئەمەستۇر. دەرۋەقە، بىز سۈرىيەنىڭ زېمىن ۋە چېگرا پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا ھەممىدىن بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ ھەرگىزمۇ مەخپىي كۈنتەرتىپىمىز يوقتۇر. ھەممە ئىشىمىز ئوچۇق – ئاشكارىدۇر.»

نۇتىقىدا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن پايتەخت ئەنقەرەدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتى توغرىلىقمۇ توختالغان چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ۋەدە بېرىشىنى ئەمەس، ئىجابىي قەدەم تاشلىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا بىلەن ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق ھەم  ۋاشىنگتونغا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەردۇق. شۇڭا، ۋاشىنگتوننىڭ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقى لازىم. بىزنىڭ سۈرىيەنىڭ مەنبىچ رايونىدىن تېررورچىلارنى تازىلاش ئىرادىمىزمۇ، تېررورچىلارنىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىنىشىگە قارىتا كۆز - قارىشىمىزمۇ قەتئىيدۇر. چېگرا رايونلىرىمىزدا ۋە چېگرا رايونلىرىمىزنىڭ سىرتىدا بىرگە قارشى بىرەر تەھدىت شەكىللىنىپ قالغان ھامان بۇ تەھدىتنى يوقىتىش ئۈچۈن ھېچقاچان ئارىسالدى بولۇپ قالمىدۇق، ھازىرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىمىز، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق قىلىمىز.»

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇلغان مىخانىزملارنىڭ كېلەر ئاينىڭ باشلىرىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن چاۋۇشئوغلۇ، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دېمىسىمۇ، بۇ مۇناسىۋەتلىرىمىز جەھەتتىنمۇ ئاخىرقى پۇرسەت ئىدى. يا مۇناسىۋەتلىرىمىزنى نورماللاشتۇراقتتۇق، ياكى بۇزۇلاتتى، چۈنكى، بىز بىزگە قارشى بولغان، خەلقىمىزگە، ئەسكەرلىرىمىزگە، ساقچىلىرىمىزغا، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىمىزگە، پۇقرالىرىمىزغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ياردەم بېرىدىغان بىر ئىتتىپاقداشنى كۆرۈشنى خالىمايمىز. چۈنكى، بۇ بىزنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەق ھەم ھوقۇقىمىزدۇر. خەلقىمىزنىڭ ھېسسىياتىمۇ شۇنداق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر