تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئوخشىماسلىقلىرىنى ھەل قىلالمىغان بولسىمۇ، ئۇ مەسىلىلەرنى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەل قىلىش توغرىسىدا بىرلىككە كەلدى.

912456
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ي پ گ – سۈرىيە؛ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى – كونسۇلخانا ۋە پ ك ك دىن ئىبارەت 3 ساھە بويىچە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى.

خىزمەت گۇرۇپپىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى؛ بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېيۋىد كوھېن رىياسەتچىلىكىدە ۋىزا كىرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قۇرۇلغان خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىمۇ ئورۇن ئالغان خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا مەسىلىنىڭ ماھىيىتىگە ئاساسەن، مۇناسىۋەتلىك بىيورۇكراتلار، ئەسكەرلەر ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى خادىملىرىمۇ قوشۇلىدۇ.

تۇنجى قېتىملىق يىغىننىڭ ئامېرىكا ۋە تۈرك مىنىستىرلارنىڭ قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك مارت ئېيىنىڭ بېشىدا ئېچىلىشى كۈتۈلمەكتە.

سۈرىيە ۋە مۇنبىچ مەسىلىسى بىرىنچى قېتىملىق يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؛ ي پ گ نىڭ فىرات دەرياسىنىڭ شەرقىگە چېكىنىشى توغرىسىدىكى تەلەپ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسون بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئۇچرىشىشلاردا يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىلىرى مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

دەسلەپكى قەدەمدە، 2015 – يىلى باشلانغان ھەربىي ھەرىكەت ئەسناسىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىچقا كىرگەن ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ قايتىشىغا دائىر تەلەپلەرمۇ ئۇچرىشىشلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان پىكىرلەرنىڭ بىرى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر