تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما بايانات ئېلان قىلدى
تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىستراتېگىيەلىك شىرىكچىلىكى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ ئەنقەرە زىيارىتىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكىگە دائىر باياناتتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك / ك ج ك / پ ي د / ي پ گ قارشى كۈرەشكە ئىشارەت قىلىندى.
رېكس تىللېرسوننىڭ 15-، 16 – فېۋرال كۈنلىرىدىكى ئەنقەرە زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان، «تۈركىيە – ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكچىلىكى توغرىسىدىكى ئورتاق بايانات» ناملىق باياناتتىكى تېررورىزمغا قارشى كۈرەشكە ئالاقىدار بۆلۈمدە، پ ك ك نىڭ قۇيرۇقى پ ي د / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى.
باياناتتىكى «تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، دائېش، پ ك ك، ئەلقائىدە ۋە باشقا بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بۇلارنىڭ گۇماشتىلىرىغا قارشى كۈرەش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ» دېگەن ئىبارىلەر، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ دىپلوماتىك سۆزلىرىدە يېڭىلىنىش بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلدى.
پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ سۈرىيە گۇماشتىسى پ ي د / ي پ گ گە قارشى كۈرەشنىڭ ئامېرىكا بىلەن تەييارلانغان ئورتاق باياناتقا كىرگۈزۈلۈشى، ۋاشىنگتون دائىرىلىرىنىڭ ئەنقەرە بىلەن پىكىر بىرلىكى ئورنىتىشتا پەرقلىق بىر نۇقتىغا كېلىشى، دەپ ئانالىز قىلىندى.